مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىراندا پويىز رېلىستىن چىقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 17 ئادەم قازا قىلدى

2022.06.09 22:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 9-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىراندا 6-ئاينىڭ 8-كۈنى يولوچىلار پويىزى رېلىستىن چىقىپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، 17 ئادەم قازا قىلدى.

  ئىران ھىلال ئاي جەمئىيىتى قۇتقۇزۇش ۋە ياردەم بېرىش تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى مەھدى ۋەلىپۇر شۇ كۈنى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىغا، ۋەقەنىڭ شۇ جاي ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 5 تىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە يۈز بەرگەنلىكىنى، شۇ چاغدا پويىزنىڭ شەرقىي قىسىمدىكى تاباس شەھىرىدىن ياسىد شەھىرىگە قاراپ ماڭغانلىقىنى تونۇشتۇردى. ۋەقەدە يەنە ئالتە ۋاگون زىيانغا ئۇچرىغان.

  مەھدى ۋەلىپور يەنە مۇنداق دېدى: ۋەقە يۈز بەرگەندە پويىزدا جەمئىي 430 ئادەم بار ئىدى. قۇتقۇزۇش خىزمىتى ئىشلىنىۋاتىدۇ، قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، قۇتقۇزۇش ئەترىتى ۋە تىك ئۇچار ئايروپىلان ۋەقە يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا ئەۋەتىلدى.

  ياسىد شەھىرىدىكى قۇتقۇزۇش تارماقلىرى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتقا قارىغاندا، بۇ قېتىمقى پويىز رېلىستىن چىقىپ كېتىش ۋەقەسىدە 17 ئادەم قازا قىلغان.

  ئىران دۆلەت تۆمۈريول شىركىتى شۇ كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، پويىز كېتىۋاتقاندا بىر قېزىش ماشىنىسى بىلەن سوقۇلۇپ، پويىز رېلىستىن چىقىپ كەتتى، دېدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ