مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئامېرىكا رۇسىيەگە تور ھۇجۇمى قوزغىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلدى»، جۇڭگو بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇردى

2022.06.09 13:42 مەنبە: خەلق تورى

  جاۋ لىجيەن مۇنداق دېدى: ئامېرىكىنىڭ رۇسىيەگە تور ھۇجۇمى قوزغىشى دىققەتكە سازاۋەر
دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ئىشخانىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 8-ئىيۇن دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، جۇڭگو ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى مۇنداق سوئال سورىغان: ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يېقىندا ئامېرىكا تور قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى، قوشۇمچە دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پائۇل جۇڭزېڭگېن (پائۇل ناكاسونې) زىيارەت داۋامىدا، ئامېرىكىنىڭ ئۇكرائىناغا «ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرلىك» تور قىسمى ئەۋەتكەنلىكىنى ھەمدە رۇسىيەگە تور ھۇجۇمى قوزغىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟


  جاۋ لىجيەن: بىز ئالاقىدار خەۋەرلەرگە دىققەت قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل خەتەرلىك، مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلمىشىنى قوللانغانلىقىغا كۆڭۈل بۆلدۇق. ئامېرىكا خەلقارا جەمئىيەتكە چۈشەنچە بېرىشى كېرەك، ئامېرىكىنىڭ روسىيەگە تور ھۇجۇمى قوزغىشى ئامېرىكا ئېلان قىلغان روسىيە- ئۇكرائىنا توقۇنۇشىغا بىۋاسىتە ئارىلاشماسلىق مەيدانى بىلەن بىردەك ئەمەس .


  ئامېرىكا ۋە شىمالىي ئاتلانتىك ئوكيان ئەھدى تەشكىلاتى تور ھۇجۇمى قوراللىق ھۇجۇم دەپ قارىلىدۇ، دېگەن. ئامېرىكا بۇنىڭدىن ئىلگىرى يەنە ئامېرىكا ئادەتتىكى ھەتتا يادرو زەربە بېرىش ۋاستىسىدىن پايدىلىنىپ ئامېرىكىغا تور ھۇجۇمى قىلغانلارغا تاقابىل تۇرىمىز دەپ ئېلان قىلغان. ئامېرىكىنىڭ سىياسەت لوگىكىسى بويىچە، ئامېرىكىنىڭ يۇقىرىقى ھەرىكىتى رۇسىيە بىلەن ئۇكرائىنانىڭ توقۇنۇشىنى كېڭەيتىۋېتىشى، ھەتتا يادرو ھۇجۇمى پەيدا قىلىش يوشۇرۇن خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.


  بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، ئامېرىكا رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشىدىن پايدىلىنىپ خەتەرلىك سىناقلارنى ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. ئامېرىكا ئۆزىگە ئىشىنىپ يەر شارى بويىچە ئەڭ كۈچلۈك تور ھەربىي كۈچىگە ئىگە، تور ھۇجۇمى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەر خىل ئاقىۋەتلەرنى تىزگىنلىيەلەيمىز، دەپ قارايدۇ . لېكىن رېئال ئەھۋالنىڭ يۈزلىنىشى پۈتۈنلەي ئامېرىكىنىڭ تەسەۋۋۇرى بويىچە تەرەققىي قىلالمايدۇ. ئەگەر ۋەزىيەت تىزگىنىنى يوقاتسا، ئەڭ ئاخىرىدا ئامېرىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، ئامېرىكا يەنە كۆپ قېتىم بەزى ئوتتۇراھال ۋە كىچىك دۆلەتلەردە تور ھەربىي كۈچىنىڭ ئالدىنقى سەپ ئورۇنلاشتۇرۇشىنى قانات يايدۇرغانلىقىنى جاكارلىدى، بۇ قىلمىشىنىڭ تۇرۇشلۇق دۆلەتنى زۆرۈر بولمىغان توقۇنۇشقا سۆرەپ كىرىش ئېھتىماللىقى بارمۇ-يوق، بۇ ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ يۈكسەك ھوشيار بولۇشىغا ئەرزىيدۇ .


  تور بوشلۇقى ئىنسانلار پائالىيىتىنىڭ ئورتاق ماكانى. بىز ئامېرىكىنى يۇقىرىقى خەتەرلىك ۋە مەسئۇلىيەتسىز ئۇسۇلنى ئۆزگەرتىپ، خەلقئارا جەمئىيەت بىلەن بىرلىكتە تور بوشلۇقىنىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى ئورتاق قوغداشقا دەۋەت قىلىمىز.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ