مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ياپونىيە تاراتقۇلىرى: تۇنجى قېتىم يەر شارى سىرتىدا «ھاياتلىق مەنبەسى» تاپقانلىقىنى خەۋەر قىلدى

2022.06.09 13:36 مەنبە: خەلق تورى

  «پەن-تېخنىكا گېزىتى» خەۋىرى: ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ياپونىيە مەدەنىيەت، پەن-تېخنىكا ۋازارىتىنىڭ ئېيتىشىچە، ئالىملار كىچىك سەييارىنى تەكشۈرۈش ئەسۋابى «لاچىن 2-نومۇر» يىغقان ئەۋرىشكىلەردىن 20 نەچچە خىل ئامىنو كىسلاتاسىنى تەكشۈرۈپ چىققان. بۇ يەر شارى سىرتىدا ئامىنو كىسلاتاسى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان تۇنجى ئىسپات. 2020-يىل 12-ئايدا، «لاچىن 2 ـ نومۇر» نىڭ يىغىۋېلىش بۆلمىسى كىچىك سەييارە «ئەجدىھا ئوردىسى» دىن يەر شارىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەن ھەم تەخمىنەن 5.4 گىرام سەييارە سىرتقى يۈزى ئەۋرىشكىسىنى ئېلىپ كەلگەن. ياپونىيە يوكوخاما دۆلەتلىك داشۆسى ئاسمان جىسىملىرى بىيولوگىيەسىنىڭ پەخرىي پىروفېسسورى شياۋلىن شيەنجېڭ (كېنسېئى كوباياشى) مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يەر شارىدىن باشقا ئاسمان جىسىملىرىدا كۆپ خىل ئامىنو كىسلاتالىرىرىنى بايقاش «تارىختا كۆرۈلۈپ باقمىغان»، بۇ ھەتتا يەر شارىدىن باشقا جايلاردا ھاياتلىقنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بېرىشى مۇمكىن، بۇمۇ ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ باشقا سەييارىلەر ۋە تەبىئىي ھەمراھلاردا مەۋجۇت بولىشى مۇمكىنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ ھاياتلىقنىڭ ئالەمدە ئىلگىرى ئويلىغاندىنمۇ كۆپ جايدا بارلىققا كەلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىدىن بېشارەت بېرىدۇ.


  بۇ قېتىم «لاچىن2-نۇمۇر» ناملىق تەكشۈرۈش ئەسۋابى قۇياش نۇرى ياكى ئالەم نۇرىنىڭ چىرىتىشىگە ئۇچرىمايدىغان كىچىك سەييارىنىڭ يەر ئاستى ماددىسىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ، ئۇنى يەر شارى ھاۋاسىدا ئاشكارىلانمىغان ئەھۋالدا ئانالىز قىلغان، بۇ تەتقىقاتچىلارنىڭ تۇنجى قېتىم سىرتقى ئالەم بوشلۇقىدىمۇ ھاياتلىقنىڭ تەركىبى قىسمىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.


  نېمە ئۈچۈن تاشقى پلانېتتا بايقالغان ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ ئەھمىيىتى زور بولىدۇ؟ ئامىنو كىسلاتاسى ئاقسىلنىڭ تەركىبى قىسمى، ھاياتلىقتا كەم بولسا بولمايدىغان ئورگانىك مولېكۇلا.


  گەرچە ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ قەدىمكى يەر شارىغا قانداق يېتىپ كەلگەنلىكىنى تېخى بىلمىسەكمۇ، لېكىن بىر خىل نەزەرىيەنىڭ قارىشىچە، 4 مىليارد 600 مىليون يىل ئىلگىرى يەر شارى شەكىللەنگەندە، ئامىنو كىسلاتاسى زور مىقداردا مەۋجۇت بولغان، لېكىن يەر شارى ماگما بىلەن قاپلىنىپ ئىنتايىن ئىسسىق بولغاندىن كېيىن قايتا مەۋجۇت بولمىغان، ئەمما كېيىن ئاقار يۇلتۇز تەرىپىدىن تاشقى ئالەم بوشلۇقىدىن قايتىدىن كىرگۈزۈلگەن. يەنە بەزى نەزەرىيەلەر ئامىنو كىسلاتاسىنىڭ ئۆزى يەر شارىنىڭ سىرتقى يۈزىدە مەۋجۇت دەپ قارايدۇ.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ