خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى قۇرغان، دۆلەت زېمىن بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق «ساختا ئۇچۇر تۈزەش كومىتېتى» قۇرۇلۇپ 21 كۈندىلا كۈچلۈك گۇمانغا ئۇچراپ، خىزمىتىنى ۋاقتىنچە توختىتىشقا مەجبۇر بولدى. بۇ بىمەنە ئويۇن ئامېرىكىدا «ساختا ئۇچۇرلارنى تۈزەش»نىڭ پارتىيە تالاش-تارتىشىنىڭ قورالى ئىكەنلىكىنى، «يالغانچىلىق ئىمپېرىيەسى»نىڭ سىياسىي ئىناۋىتىنىڭ ئاللىقاچان بەربات بولغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى.
ئاتالمىش «ساختا ئۇچۇرلارنى تۈزەش كومىتېتى» 4-ئاينىڭ 27-كۈنى قۇرۇلغاندىن كېيىن، دەرھال ئامېرىكىدىكى چېكىدىن ئاشقان ئوڭ قانات كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىدىكى بىر قىسىملار ۋە سىياسەتۋازلارمۇ ئوت ئۈستىگە ياغ چاچتى، يەنە بىر قىسىم ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇ ئابونتلىرى توردا بۇ كومىتېتقا مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن سۇيىقەست نەزەرىيەلىرىنى تارقاتتى. مەزكۇر كومىتېتنىڭ تۇنجى مەسئۇلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشكە مەجبۇر بولدى، ئاپپارات توختاپ قالدى. ئۆزىنى «پارتىيە-گۇرۇھ خاھىشى، سىياسىي مەقسىتى يوق» دەپ ماختايدىغان بۇ يېڭى ئاپپاراتنىڭ ئەسلىدە بېكىتىلگەن مەسئۇلىيىتى «دۆلەت زېمىنىغا خەۋپسىزلىك تەھدىتى پەيدا قىلىدىغان ساختا ئۇچۇرلار»نى مەخسۇس بىر تەرەپ قىلىشتىن ئىبارەت ئىدى.
ھالبۇكى، ئامېرىكىنىڭ سىياسىي سەھنىسىدە ساختا ئۇچۇر تارقىتىش سىياسەتۋازلارنىڭ سىياسىي مەقسىتىگە يېتىشتىكى ئادەتلەنگەن ھىيلە-نەيرىڭى. ئىككى پارتىيەنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك قاتتىق كۈرىشى ۋاشىنگتوننى «قارا ماتېرىيال» يىغىش-تارقىتىش ئورنى ۋە ساختا ئۇچۇر تارقىتىدىغان «ماھارەت كۆرسىتىش مەيدانى»غا ئايلاندۇرۇپ، ساختا ئۇچۇرنى تۈزەش مېخانىزمىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كېرەكلىك سىياسىي ئىشەنچنى يوققا چىقاردى. ئامېرىكا دۆلەت ئىچىدىكى تەنقىدچىلەرنىڭ قارىشىچە، ئاتالمىش «ساختا ئۇچۇرلارنى تۈزەش كومىتېتى» بىلەن جورج ئورۋېلنىڭ «1984-يىلى» ناملىق ھېكايىسىدە تەسۋىرلەنگەن «ھەقىقەت بۆلۈمى» ئوخشاش بولۇپ، ئېھتىياجغا ئاساسەن ئاخبارات ۋە تارىخنى ئۆزگەرتىپ، «ئاممىۋى پىكىر»نى كونترول قىلىدىغان، پارتىيە كۈرىشى ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىدىغان قورالغا ئايلاندى. ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ كېڭەش پالاتا ئەزاسى راند پائۇل دەل جايىدا قىلىپ: بۇ كومىتېتقا قەتئىي ئىشىنىشكە بولمايدۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى «تارىختىن بۇيانقى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ساختا ئۇچۇر تارقاتقۇچى» دەپ كۆرسەتتى.
ساختا ئۇچۇرلارنى تۈزەش ئەسلىدە ئاساسىي ئورتاق تونۇش، لېكىن ئامېرىكىدا ھۆكۈمەتنىڭ ھەرىكەت ئىشەنچ ئاساسى كەمچىل بولغانلىقتىن، كەڭ گۇمان ۋە ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. ئامېرىكا سىياسەتۋازلىرى ئەگەر داۋاملىق يالغان-ياۋىداق سۆزلەرگە تايىنىپ، ئىدارە قىلىش نامى بىلەن كونترول قىلىپ، ئەركىنلىكنى قوغداش نامى بىلەن تاشقى مۇداخىلە يۈرگۈزسە، مۇقەررەر ھالدا بۇ ساختا ئۇچۇرنى ئىدارە قىلىش كۈلكىلىك ئويۇنغا ئوخشاش ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكە قالىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ