مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

جۇڭگونى چەكلەيدىغان ھەرقانداق ئۇرۇنۇش ئەمەلگە ئاشمايدۇ

2022.06.08 22:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 8-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئامېرىكا دۆلەت كاتىپى بلىنكېن يېقىندا جۇڭگوغا قارىتا سىياسەت نۇتقى سۆزلەپ، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان ئىستىراتېگىيەسىنى «مەبلەغ سېلىش، ئىتتىپاق تۈزۈش، رىقابەتلىشىش»، يەنى ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەۋزەل ئاساسىغا مەبلەغ سېلىش، ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش، جۇڭگو بىلەن رىقابەتلىشىش دەپ يىغىنچاقلىدى. شۇنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەسكى، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگوغا قاراتقان ئىستراتېگىيەلىك «يېڭى بايانى» ماھىيەتتە يەنىلا «سەن ئۇتتۇرىسەن، مەن ئۇتۇمەن» دەيدىغان سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى كونا تەپەككۇرى بولۇپ، تۈپ مەقسىتى يەنىلا جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇپ، ئۆزىنىڭ زومىگەرلىك ھوقۇقىنى قوغداش.

  بلىنكېن ئاغزى-ئاغزىغا تەگمەي، جۇڭگو بىلەن توقۇنۇشۇش ياكى «يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى» يۈز بېرىشنىڭ كويىدا بولمايمىز، دېدى، لېكىن نۇتۇق ئامېرىكا تەرەپنىڭ ھەر ۋاقىت، ھەر جايدا جۇڭگونى «خىيالىي دۈشمەن» دەپ قارايدىغانلىقىنى تولۇق ئاشكارىلىدى. ئەگەر ئامېرىكا پەقەت ئۆزىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئۆزىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇش، پەقەت باشقا دۆلەتلەر بىلەن نورمال ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش ھەققىدە سۆزلىگەن بولسا، پەقەت ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى بولاتتى. بىراق ئەمەلىيەتتە، ئامېرىكا تەرەپ ئۆزىدىكى مەسىلىگە بىۋاسىتە يۈزلىنىش ئەمەس، خەلقئارا قائىدىگە رىئايە قىلىش ئەمەس، بەلكى «خىيالىي دۈشمەن» تىكلەشكە تايىنىپ، بېكىنمىچىلىك بىلەن باشقىلارنى چەتكە قاقىدىغان «كىچىك دائىرە» قۇرۇپ، كۆز ئالدىدىكى «رەقىبى»نى تۆۋەنگە چەكسىز بېسىش ئارقىلىق ئۆزىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشنى ئويلايدۇ، بۇ روشەنكى، شەرەپلىك ئەمەس، شۇنداقلا ھەرگىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمايدۇ.

  ئامېرىكا تەرەپ نۆل يىغىندىلىق تىركىشىش ۋە سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدا گۇرۇھ توپلاپ، بېكىنمە، باشقىلارنى چەتكە قاقىدىغان «كىچىك دائىرە»لەرنى كەڭ كۆلەمدە قۇرۇپ گۇرۇھۋازلىق قىلىپ، قارشىلىشىپ تارىخنى كەينىگە ياندۇردى. بۇ، خەلقئارا جەمئىيەت ۋە رايون دۆلەتلىرىنىڭ تىنچلىق، مۇقىملىقنى قوغداش، تەرەققىيات، گۈللىنىشنى كۆزلەش ئورتاق ئارزۇسىغا زىت، ئېنىقكى رايون جىددىي كەيپىياتىنى كۈچەيتىپ، رايون ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئامېرىكا تەرەپنىڭ يامان غەرەزدە بولۇۋاتقان تۈرلۈك قىلمىشلىرىغا قارىتا، ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ تىنچ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان بارلىق دۆلەتلەر ناھايىتى ئېنىق بىلىدۇ، ھەرگىز قوشۇلمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ