مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

نۇرغۇن دۆلەتلەر دوكلات قىلغان كېسەللىك سەۋەبى ئېنىق بولمىغان بالىلار جىگەر ياللۇغى بىمارى 650 كە يەتتى

2022.05.30 13:06 مەنبە: خەلق تورى

  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى 27-چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 26-چېسلاغىچە ھەرقايسى دۆلەتلەر بۇ تەشكىلاتقا كېسەللىك سەۋەبى ئېنىق بولمىغان بالىلار جىگەر ياللۇغى بىمارلىرىدىن 650 نى دوكلات قىلدى. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋاقتىنچە بۇ كېسەللىكنى ئوتتۇرا خەۋپ-خەتەر دەرىجىسىدىكى كېسەل دەپ بېكىتتى.


  دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 4-ئاينىڭ 5-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئايرىغان خەلقئارادىكى ھەرقايسى رايونلار ئىچىدە، بەش رايوندىكى33 دۆلەت كېسەللىك سەۋەبى ئېنىق بولمىغان 650 بالىلار جىگەر ياللۇغى بىمارىنى دوكلات قىلغان، ئۇنىڭدىن باشقا 99 بالىلار جىگەر ياللۇغى بىمارىنىڭ تۈرى تېخى ئايرىلمىغان. بۇ 650 كېسەللىك سەۋەبى ئېنىق بولمىغان بالىلار جىگەر ياللۇغى كېسەللىكىنىڭ كىلىنىكىلىق ئالامەتلىرى ئىلگىرىكى بۇ خىل كېسەللىك ئالامەتلىرىدىن خېلىلا ئېغىر بولۇپ، جىددىي خاراكتېرلىك جىگەر زەئىپلىشىشنىڭ نىسبىتى تېخىمۇ يۇقىرى بولغان.


  رايونلارغا تارقىلىش جەھەتتە، يۇقىرىدا ئېيتىلغان كېسەللىك سەۋەبى ئېنىق بولمىغان ۋە تېخى تۈرگە ئايرىلمىغان بالىلار جىگەر ياللۇغى بىمارلىرى ئىچىدە، 374 ى دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ئايرىغان ياۋروپا رايونىدىكى 22 دۆلەتتىكى بىمارلار، ئەنگلىيەدىلا 222 بىمار بايقالغان؛ ئامېرىكا قىتئەسى رايونىدا بىمار240 بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 216 سى ئامېرىكىدىن بايقالغان؛ قالغانلىرى غەربىي تىنچ ئوكيان رايونى، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونى، شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىز رايونلىرىدىن بايقالغان. كېسەللىك سەۋەبى ئېنىق بولمىغان 650 بالىلار جىگەر ياللۇغى بىمارى ئىچىدە، ئاز دېگەندە 38 بالىغا جىگەر كۆچۈرۈلۈشى زۆرۈركەن، بۇ كېسەلدە توققۇز بالا ئۆلۈپ كەتكەن.


  بالىلار جىگەر ياللۇغىنىڭ سەۋەبى، كېلىش مەنبەسى ۋە تارقىلىش شەكلى تېخى ئېنىق بولمىغاچقا، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى نۆۋەتتە ئىگىلىگەن ماتېرىيال چەكلىك بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار سەۋەبلىك، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋاقتىنچە بۇ كېسەلنىڭ خەۋپ-خەتەر دەرىجىسىنى ئوتتۇرا دەرىجىلىك دەپ بېكىتتى.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ