مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئامېرىكىدا يەنە ئېتىشۋازلىق ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئون ئادەم ئۆلدى، ئۈچ ئادەم يارىلاندى!

2022.05.16 13:37 مەنبە: خەلق تورى

ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شىتاتىدىكى بىر تاللا بازاردا ئېتىشۋازلىق ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئون ئادەم ئۆلۈپ، 3 ئادەم يارىلاندى.
14-چىسلا ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك ئىشتاتى بۇففالو شەھىرىدىكى بىر تاللا بازاردا ئېتىشۋازلىق ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە ئون ئادەم ئۆلدى، ئۈچ ئادەم يارىلاندى.
بۇففالوغا شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى گرامارىيا شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئېتىشۋازلىق ۋەقەسىدە 13 ئادەمگە ئوق تەگكەنلىكى، بۇنىڭ ئىچىدە تۆت ئادەمنىڭ تاللا دۇكىنىنىڭ خىزمەتچىسى ئىكەنلىكى، بۇ تۆتەيلەننىڭ ئىچىدە بىر ئامانلىق ساقلىغۇچىنىڭمۇ بارلىقى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلاردىن 11 سى قارا تەنلىك، ئىككىسى ئاق تەنلىك ئىكەنلىكى، ئوققا تۇتقۇچىنىڭ 18 ياشلىق ئەر ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ھەمدە تېلېكامىرا ئېلىۋالغان ئېتىشۋازلىق جەريانىنىڭ سىنلىرىنى بىۋاستە كۆرسەتتتى.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئوققا تۇتقۇچى باشقا رايوندىن كەلگەن بولۇپ، بىر نەچچە سائەت ماشىنا ھەيدەپ بۇففالوغا يېتىپ بارغان. ئۇ ئالدى بىلەن تاللا بازىرىنىڭ ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا ئۈچ ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرۈپ، بىر ئادەمنى يارىلاندۇرغان. تاللا دۇكىنىدا قاتىللىق قىلغاندىن كېيىن، چارلاش ساقچىلىرى ئۇنى قورالنى تاشلاشقا ئۈندەپ ئۇنى قولغا چۈشۈرگەن.
ئېتىشۋازلىق ۋەقەسى يۈز بەرگەن تاللا دۇكىنى بۇففالو شەھەر مەركىزىنىڭ شىمالىدىن ئۈچ كىلومېتىر كېلىدىغان يەرگە جايلاشقان بولۇپ، تاللا دۇكىنى جايلاشقان مەھەللىدە ئافرىقىلىقلار پۇشتىدىن بولغان ئاھالىلەر ئاساسلىق ئولتۇراقلاشقان. بۇففالو رايونلۇق فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئالاھىدە تەكشۈرگۈچىسى بېرانگىيا مۇنداق دېدى: ھازىر ئۆچمەنلىك جىنايىتى، دەپ قاراپ بۇ ئېتىشۋازلىق ۋەقەسىنى تەكشۈرۋاتىمىز.
ئاقساراينىڭ ئاخبارات كاتىپى ژان پىئېر 14-چېسلا كەچتە بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن بۇففالو شەھىرىدىكى «قورقۇنچلۇق ئېتىشۋازلىق» ۋەقەسىگە ئالاقىدار ئەھۋاللار توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، بايدىن داۋاملىق ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلارغا دىققەت قىلىدۇ، بايدىن ۋە ئۇنىڭ بىرىنچى خانىمى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ۋە ئۇلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ھال سورىدى.
پايدا ئالمايدىغان تەشكىلاتنىڭ «قورال-ياراغ زوراۋانلىق ئارخىپى» تور بېكىتىنىڭ 14-چېسلا ئېلان قىلغان ئىستاتىستىكا سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئامېرىكىدا 15 مىڭ 840 ئادەم ئېتىشۋازلىققا چېتىشلىق ۋەقەدە ئۆلگەن، 13 مىڭ 17 ئادەم يارىلانغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ