مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بايدىن يېڭىدىن تەيىنلىگەن ئاقساراينىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئافرىقىلىق پۇشتىدىن بولغان ئايال

2022.05.07 13:18 مەنبە: خەلق تورى

  


  ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 5-چېسلا، ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بايدىن ئاقساراينىڭ مۇئاۋىن ئاخبارات باياناتچىسى كارىن ژان پىئېر (Karine Jean-Pierre) نى ئاقساراينىڭ كۆيىنكى نۆۋەتلىك ئاخبارات باياناتچىلىقىغا تەيىنلىگەنلىكىنى جاكارلىغان.


  خەۋەر قىلىنىشىچە، كارىن ژان پىئېر ئاقساراينىڭ ئاخبارات باياناتچىلىقى ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئافرىقىلىقلار پۇشتىدىن بولغان تۇنجى ئايال بولۇپ، 5-ئاينىڭ 13-كۈنى ھازىرقى باياناتچى پساكىنىڭ ئورنىدا رەسمىي ۋەزىپە ئۆتەيدىكەن.


  بايدىن باياناتىدا مۇنداق دېدى: كارىن ژان پىئېر «تەجرىبىلىك بولۇش، قابىلىيەتلىك بولۇش ۋە دۇرۇست بولۇش»تەك باياناتچىدا بولۇشقا تېگىشلىك خىسلەتلەرگە ئىگە، پساكىمۇ ئۇنى «ھەقىقىي ھەمكارلىق ھەمراھى» دەپ تەرىپلىگەن.


  باشقا خەۋەرلەرگە قارىغاندا، پساكى 2022-يىلى مىكروسوفت مەملىكەتلىك رادىئو شىركىتى (MSNBC) گە كىرمەكچىكەن، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇزۇن قۇلاق ئەربابلارنىڭ ئېيتىشىچە، پساكى بۇ شىركەتنىڭ پروگرامما رىياسەتچىسى بولىدىكەن.



  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ