«ماراكەش شەرتنامىسى» دۆلىتىمىزگە نىسبەتەن كۈچكە ئىگە

2022.05.05 12:31 مەنبە: خەلق تورى

  «ئەمالار، كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلار ياكى نەشر بۇيۇملىرىنى ئوقۇشتا توسالغۇغا ئۇچرىغۇچىلارنىڭ نەشر قىلىنغان ئەسەرلەرگە ئېرىشىشىگە قولايلىق يارىتىپ بېرىش بويىچە ماراكەش شەرتنامىسى» 5- ئاينىڭ 5-كۈنى دۆلىتىمىزگە نىسبەتەن كۈچكە ئىگە بولىدۇ. نۆۋەتتىكى خەلىقئارادىكى بىردىنبىر نەشىر ھوقۇقى ساھەسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق شەرتنامىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ شەرتنامىنىڭ مەقسىتى ئوقۇش توسالغۇسى بارلارنى ئەسەرگە ئېرىشىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلەش، شۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ باراۋەر ھالدا مەدەنىيەت ۋە مائارىپقا ئېرىشىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت. «ماراكەش شەرتنامىسى» ئېلىمىزگە نىسبەتەن كۈچكە ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئېلىمىزدىكى كىتاب ئوقۇش توسالغۇسى بارلارنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى زور دەرىجىدە بېيىتىپ، ئۇلارنىڭ بىلىم ئېلىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، ئېلىمىزنىڭ مۇنەۋۋەر ئەسەرلىرىنىڭ چەت ئەلدە تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ئېلىمىزنىڭ خەلقئارا نەشر ھوقۇقى ساھەسىدىكى سۆز ھوقۇقى ۋە تەسىر كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرىدۇ. 2021-يىل 10-ئاينىڭ 23-كۈنى، 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 31-قېتىملىق يىغىنىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ بۇ شەرتنامىنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ