مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىراق زۇڭلىسى بارلىق چەت ئەل ئۇرۇش قىلغۇچى قىسىملىرىنىڭ ئىراقتىن ئايرىلغانلىقىنى دەلىللىدى

2022.01.02 18:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 31-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەۋەرلەرگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى، ئىراق زۇڭلىسى كادىمى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى چەت ئەل ئارمىيەسى ئۇرۇش قىلىش قىسىمىنىڭ ئىراقتىن پۈتۈنلەي چېكىنىپ چىققانلىقىنى دەلىللىگەن.

  خەۋەرلەرگە قارىغاندا، كادىمى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا يازما ئېلان قىلىپ، «ئادەم ۋە ماددىي ئەشيالارنى ئىراقنىڭ چېگرا سىرتىغا يۆتكىگەندىن كېيىن، ئىتتىپاق (كۆپ دۆلەت قىسىملىرى) ئۆزلىرىنىڭ جەڭ ۋەزىپىسىنى ئورۇنداپ بولدى»، بۇنىڭدىن كېيىن، ئۇلارنىڭ رولى ئىستراتېگىيەلىك سۆھبەتنىڭ نەتىجىسىگە ئاساسەن، بىزنىڭ بىخەتەرلىك قىسىمىمىزغا تەكلىپ ۋە ياردەم بېرىش» دېدى.

  بۇنىڭدىن ئىلگىرى، كۆپ دۆلەت قىسىملىرى ئۆزىنىڭ بارلىق ئۇرۇش قىلغۇچى قىسىملىرىنىڭ 12-ئاينىڭ 9-كۈنى ئىراقتىن ئايرىلغانلىقىنى جاكارلىغانىدى. ئامېرىكا مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ قوماندانى ماككېنزى: 2500 ئامېرىكا ئەسكىرى ۋە 1000 نەپەر بىرلەشمە ئارمىيە ئەسكىرى داۋاملىق ئىراقتا قېلىپ، مەشىقلەندۈرگۈچى ۋە مەسلىھەتچى بولىدۇ، دېدى.

  2003-يىلى 3-ئايدا، ئامېرىكا خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك قارشى تۇرۇشىغا قارىماي، ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ، يوقىلاڭ جىنايەت نامى بىلەن ئىراققا بېسىپ كىرىپ، تەخمىنەن 200 مىڭدىن 250 مىڭغىچە پۇقرانىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا ئارمىيەسى 16 مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى بىۋاسىتە ئۆلتۈردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ