خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- ئاينىڭ 31- كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ يەر ۋاقتى 29- چېسلا، قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېۋ ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشقا ئالاقىدار قانۇن تۈزىتىلمىسىگە ئىمزا قويدى.
سۈنئىي ھەمراھ ئاگېنتلىقىنىڭ 30- چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، قازاقىستان زۇڭتۇڭى ئاخبارات ئىدارىسى ئېلان قىلغان خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، توقايېۋ بۇ يىل 1- ئاينىڭ 2- كۈنى قانۇن لايىھەسىگە ئىمزا قويۇپ، ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشنى مەقسەت قىلغان «پۇقرالىق ھوقۇقى ۋە سىياسىي ھوقۇق خەلقئارا ئەھدىنامىسى»نىڭ 2 - تۈرلۈك تاللاش كېلىشىمنامىسىنى تەستىقلىغان، لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇرۇش مەزگىلىدە زور ئۇرۇش جىنايىتىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىش ھوقۇقىنى ساقلاپ قالغان. شۇ يىلى 11- ئايدا توقايېۋ قازاقىستاندا ئۆلۈم جازاسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەمدە ئۇرۇش جىنايىتىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە دائىر ھېچقانداق ماددىنى قوشۇمچە قىلماسلىق كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
رۇسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىمزالانغان قانۇن لايىھەسىدە «جىنايى ئىشلار قانۇنى»، «جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى»، «جىنايى ئىشلار ئىجرا قانۇنى» ۋە باشقا بىر قاتار قانۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن. «ئۆلۈم جازاسى» بىر خىل ئالاھىدە جازالاش تەدبىرى سۈپىتىدە «جىنايى ئىشلار قانۇنى» دىن پۈتۈنلەي چىقىرىۋېتىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، قانۇن لايىھەسىدە بۇنىڭدىن ئىلگىرى بەلگىلەنگەن پەۋقۇلئاددە زور ئۇرۇش جىنايەتچىلىرىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە بولىدىغان قوشۇمچە شەرتلەر چىقىرىۋېتىلدى.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: قازاقىستان ئالىي قانۇن چىقىرىش ئورگىنى-- پارلامېنت كېڭەش پالاتاسى (يۇقىرى پالاتا) بۇنىڭدىن ئىلگىرى قازاقىستاننىڭ ئۆلۈم جازاسىنى پۈتۈنلەي بىكار قىلىشى ھاياتلىق ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلغانلىق ۋە كاپالەتلىك قىلغانلىق، دەپ قارىغان.
قازاقىستاننىڭ تۇنجى زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ 2003 - يىلى ئۆلۈم جازاسىنى ۋاقتىنچە توختىتىش بۇيرۇقىغا ئىمزا قويغان ھەمدە بارلىق ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈمىنىڭ ئىجراسىنى ۋاقتىنچە توختاتقان، لېكىن سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۆلۈم جازاسى ھۆكۈمى چىقىرىشىنى چەكلىمىگەن. ئورنىغا دەسسىتىش جازالاش تەدبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن قازاقىستان 2004 - يىلىدىن باشلاپ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىنى يولغا قويغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ