خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى زەپەروف 5-ماي پايتەخت بىشكەكتە يېڭى ئاساسىي قانۇن ئىمزالىدى، يېڭى ئاساسىي قانۇن شۇ كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ.
قىرغىزىستاندا 11-ئاپرېل ئاساسىي قانۇن ئاۋازغا قويۇلدى. قىرغىزىستان مەركىزىي سايلام كومىتېتىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى ئومۇمىي ئاۋازغا قويۇشتا 1 مىليون 320 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم بېلەت تاشلىغان، يېڭى ئاساسىي قانۇننى قوللايدىغانلار %79.3 نى ئىگىلىگەن.
يېڭى ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن، قىرغىزىستاننىڭ سىياسىي تۈزۈلمىسى پارلامېنت تۈزۈمىدىن زۇڭتۇڭلۇق تۈزۈمىگە ئۆتىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، دۆلەت كېڭىشىش ۋە ماسلاشتۇرۇش فۇنكسىيەسىگە ئىگە خەلق قۇرۇلتىيى تەسىس قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىجتىمائىي تەرەققىيات يۆنىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا چارە-تەدبىر كۆرسىتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قىرغىزىستان پارلامېنتى ئەزالىرىنىڭ سانى 120 دىن 90 گە ئازايتىلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ