خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 29-ئاپرېل بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: قازاقىستان خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 29-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى 28-ئاپرېل پايتەخت نۇرسۇلتاندا ئېچىلدى، قازاقىستاننىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى نەزەربايېۋ قۇرۇلتاينىڭ رەئىسلىكىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكىنى جاكارلاپ، رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى قازاقىستان زۇڭتۇڭى توقايېۋغا تاپشۇردى.
قازاقىستان ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يىغىنغا نەزەربايېۋ رىياسەتچىلىك قىلغان، يىغىننىڭ باش تېمىسى «ئىتتىپاق، ئىناق بولغان 30 يىل» بولغان. نەزەربايېۋ تەبرىك سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ يىل قازاقىستان مۇستەقىل بولغانلىقىنىڭ 30 يىللىقى، قازاقىستاننىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ۋە خەلقنىڭ بەخت-سائادىتى كۆرۈنەرلىك ئاشتى، ئۇ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنىڭ توغرىلىقى ۋە ئۈنۈملۈكلۈكىگە تولۇق ئىشىنىدۇ .
نەزەربايېۋ خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ نۇرغۇن باشقۇرۇش خىزمىتىنى زۇڭتۇڭنىڭ مەسئۇل بولۇشىغا تاپشۇرۇپ بەرگەنلىكىنى، شۇڭا ئۆزىنىڭ يىغىننىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى توقايېۋغا ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى قارار قىلغانلىقىنى ئېيتتى.
توقايېۋ تەبرىك سۆزى قىلىپ مۇنداق دېدى: خەلق قۇرۇلتىيى قازاقىستاننىڭ نوپۇزلۇق ئاممىۋى ئاپپاراتى، دۆلەتنىڭ مىللەت، دىن ئىناقلىقىنىڭ ئاساسى بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان مىللەت ۋە ئېتىقادتىكى قازاقىستان پۇقرالىرىنى قازاقىستان چوڭ ئائىلىسىگە ئىتتىپاقلاشتۇردى.
توقايېۋنىڭ تەشەببۇسىغا ئاساسەن، قۇرۇلتاي نەزەربايېۋنىڭ قۇرۇلتاينىڭ پەخرىي رەئىسى بولۇشى توغرىسىدىكى قارارنى ماقۇللىدى.
قازاقىستان خەلق قۇرۇلتىيى 1995-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، قازاقىستاندىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئورتاق ئىتتىپاقلىشىپ ئالغا بېسىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئۆزىنىڭ ۋەزىپىسى قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى قوغداش ۋە دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى