خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئۆزبېكىستاندا 9-فېۋرال پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلۈپ، مەزكۇر دۆلەتنىڭ داڭلىق شائىرى ئەلشىر نەۋائىي تۇغۇلغانلىقىنىڭ 580 يىللىقى خاتىرىلەندى.
ئۆزبېكىستان دۆلەت ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى، ئورگىنى، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر شۇ كۈنى تۈرلۈك خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى تەشكىللىگەن. نۇرغۇن سەنئەتكارلار ۋە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى نەۋائىينىڭ شېئىرلىرىنى ئورۇنلىغان.
ئۆزبېكىستان يازغۇچىلار ئىتتىپاقىنىڭ رەئىسى سەيىد خاتىرىلەش پائالىيىتىدە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نەۋائىي ئوتتۇرا ئاسىيا ئەدەبىيات تارىخى ۋە ئىدىيە تارىخىدىكى مۇنەۋۋەر ۋەكىل، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى يازغۇچىلار، شائىرلار ۋە تەتقىقاتچىلارنى ئىلھام مەنبەسى بىلەن تەمىنلىدى.
مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا، ئۆزبېكىستاندا ئەلشىر نەۋائىي خەلقئارا ئاممىۋى فوندى جەمئىيىتى قۇرۇلۇپ، نەۋائىينىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرى تەتقىق قىلىندى ۋە قوغدالدى ھەمدە ئۇنىڭ ئەسەرلىرى كېڭەيتىلدى.
نەۋائىي 1441-يىلى 2-ئاينىڭ 9-كۈنى تۇغۇلغان، ئۆزبېكىستانلىق داڭلىق شائىر، ئالىم ۋە مۇتەپەككۇر. ئۆزبېكىستان تەۋەسىدىكى نۇرغۇن تىياتىرخانا، مېترو بېكەتلىرى، كوچا ۋە باغچىلار نەۋائىينىڭ نامى بىلەن ئاتالغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ