- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
پاكىستان ئارمىيەسى ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە 2-ئاينىڭ 27-كۈنى پاكىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىر رايونىدا ئەسىر ئالغان ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچىسى ئابىنانداننى قايتۇرۇپ بەردى
2019.03.05 16:08 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
3-ئاينىڭ 1-كۈنى پاكىستان ئارمىيەسى ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە 2-ئاينىڭ 27-كۈنى پاكىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىر رايونىدا ئەسىر ئالغان ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچىسى ئابىنانداننى قايتۇرۇپ بەردى.
پاكىستان زۇڭلىسى ئىمران خان 2-ئاينىڭ 28-كۈنى: پاكىستان ھىندىستاننىڭ ئۇچقۇچىسىنى قويۇپ بېرىپ، سەمىمىيىتىنى بىلدۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ جىددىي مۇناسىۋىتىنى سەل ياخشىلاشنى قارار قىلدى، دەپ جارلىغان ئىدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستان قورال سەپلەنگەن كالون بىلەن، 3-ئاينىڭ 1-كۈنى ئابىنانداننى شەرقتىكى لاھور شەھىرىدىن قوغداپ مېڭىپ، ھىندىستان-پاكىستان چېگراسىدا ۋاگەخ چېگرا ئېغىزىغا ئاپارغان.
ھىندىستان ئاھالىلىرى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە تىزىلىپ، بۇ ئۇچقۇچىنىڭ قايتىپ كېلىشىنى قارشى ئالدى.
ئابىناندان ھەيدىگەن مىگى 21 تىپلىق ئۇرۇش ئايروپىلانى پاكىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىر رايونىغا چۈشۈپ كەتكەن، ئۇ پاكىستان شۇ كۈنى ئېلان قىلغان ۋىدېيودا: پاكىستان دائىرلىرى مېنى ياخشى كۈتىۋاتىدۇ، دېگەن.
ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ كەشىمىر رايونىدىكى توقۇنۇشى بىر قانچە كۈنگە سوزۇلدى. ھىندىستان ھاۋا ئارمىيەسى 2-ئاينىڭ 26-كۈنى ئاۋۋال ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاپ، كەشمىرنىڭ ھىندىستان-پاكىستان كونترول سىزىقىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ، دىنىي ئەسەبىي قوراللىق تەشكىلاتى مۇھەممەت ئارمىيەسىنىڭ لاگېرىنى بومباردىمان قىلدى. ئىككى تەرەپنىڭ يەر يۈزى قىسىملىرى ئارقىدىن بىر-بىرىگە زەمبىرەك ئاتتى، كەشمىرنىڭ ۋەزىيىتى بىراقلا جىددىيلەشتى.
ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشىمىر 2-ئاينىڭ 14-كۈنى بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىدى، ۋەقەدە ھىندىستان مەركىزىي زاپاس ساقچى قىسىمىنىڭ ئاز دېگەندە 40 ئەسكىرى قازا قىلدى. مۇھەممەت ئارمىيەسى بۇ ھۇجۇمنى قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.
ھىندىستان پاكىستاننى مۇھەممەت ئارمىيەسىنى قوللىدى دەپ ئەيىبلىدى. پاكىستان بۇ سۆزنى ئىنكار قىلدى.
پاكىستاننىڭ پۇقراۋى ئاۋىياتسىيەنى باشقۇرۇش تارمىقى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى جاكارلاپ: ئىلگىرى تاقىۋەتكەن قىسمەن رايونلارنىڭ ھاۋا رايونىنى ئاچىمىز، ئالدى بىلەن ئىسلامئاباد، پېشاۋار، كاراچى ۋە قۇتتادىن ئىبارەت تۆت شەھەرگە كىرىپ-چىقىدىغان ئايروپىلانلارنى ئەسلىگە كەلتۈرىمىز، دېدى.
پاكىستان پۇقراۋى ئاۋىياتسىيەنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى ئەمىر ماخبۇ: ھاۋا تەۋەلىكى 3-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 18دىن باشلاپ ئېچىلدى، باشقا ھاۋا تەۋەلىكىمۇ ئېچىلىدۇ، يولۇچىلار ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىدىن تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارغا ئىگە بولالايدۇ، دېدى.
توقۇنۇشنىڭ تەسىرىدە، پاكىستان 2-ئاينىڭ 27-كۈنى ھاۋا تەۋلىكىنى ۋاقىتلىق تاقىغان، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە ياۋروپا ئەللىرى ئوتتۇرىسىدا قاتنايدىغان نۇرغۇن ئايروپىلانلار توختاپ قالغان.
تايلاند ئاۋىياتسىيەسى، سىنگاپور ئاۋىياتسىيەسى، ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكى ئاۋىياتسىيەسى، قاتار ئاۋىياتسىيەسى، سەئۇدى ئەرەبىستانى ئاۋىياتسىيەسى ۋە كانادا ئاۋىياتسىيەسى قاتارلىق نۇرغۇن شىركەتلەر تەسىرگە ئۇچرىدى. تايلاند ئاۋىياتسىيەسى ياۋروپانىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىگە بارىدىغان 30قا يېقىن نۆۋەتچى ئايروپىلانىنى توختاتتى، 5000 يولۇچى تەسىرگە ئۇچرىدى.
خەلقئارا پۇقراۋى ئاۋىياتسىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىلتىماسى بويىچە، جۇڭگو قىسمەن ھاۋا تەۋەلىكى ۋە ئاۋىياتسىيە لىنىيەلىرىنى ئېچىپ، چەتئەل ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ يول ئۆزگەرتىپ ئايلىنىپ ئۇچۇشىغا تەمىنلىدى.
كەشمىر رايونىنىڭ ۋەزىيىتى جىددىيلەشتى، خەلقئارا جەمئىيەت ئىككى تەرەپنى ئۆزىنى تۇتىۋېلىشقا، ۋەزىيەتنى ياخشىلاشقا دەۋەت قىلدى.
پاكىستان زۇڭلىسى ئىمران خان خەلق پارلامېنتىغا: كەڭ كۆلەملىك قىرغۇچى قورالغا ئىگە ئىككى دۆلەت ئۇرۇش يولىغا كىرىپ قالمايدۇ، پاكىستان ئېھتىياتچان بولۇپ، ئۆزىنى تۇتىۋېلىپ، ھىندىستان بىلەن تىنچ ئۆتۈش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ. پاكىستاننىڭ ۋەزىيەتنى ياخشىلاش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقى «ئاجىزلىق دەپ قارالماسلىقى» كېرەك، دېدى.
پاكىستان پوزىتسىيە بىلدۈرگەن كۈنى ھىندىستان زۇڭلىسى مودى كابېنتنىڭ خەۋپسىزلىك يىغىنىدا: بۇ قېتىم توقۇنۇشنىڭ كەسكىنلىشىشى ھىندىستاننى ئىستراتېگىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە قىستىدى، بۇنىڭدىن كېيىن، ھىندىستان ھاۋا ھۇجۇمى قوزغاش غەرەزلىرىنى بايقىسى، قايتۇرما زەربە بېرىشتىن ۋاز كەچمەيدۇ، دېدى.
بىر قىسىم تەھلىلچىلەر: ھىندىستان پارلامېنتىنىڭ تۆۋەن پالاتا سايلىمى ئۆتكۈزۈلمەكچى، مودىنىڭ سايلام بېسىمى بەك ئېغىر، دېدى.
پاكىستان چېگراسىدىكى بازار جىھوتىنىڭ ئاھالىسى: ھىندىستان بىلەن پاكىستاننىڭ ئېتىشىشى 3-ئاينىڭ 1-كۈنىگىچە داۋاملاشتى، 200 نەچچە ئادەم 20 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئارمىيە لاگېرىغا ئورۇنلاشتۇرۇلدى، دېدى.
ھىندىستان كونتروللۇقىدىكى كەشمىردىكى ساقچىلار: زەمبىرەك زەربىسىدە بىر ئادەم يارىلاندى، ئىككى ئۆي ئۆرۈلدى، دېدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر