باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

چەتئەل تاراتقۇلىرى چەتئەللىك سودىگەرلەر مەبلەغ سېلىش قانۇنىنى قىزغىن مۇنازىرە قىلدى

2019.03.04 16:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «چەتئەللىك سودىگەرلەر مەبلەغ سېلىش قانۇنى لايىھەسى»گە قاراپ چىقىش ئېچىلىش ئالدىدىكى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2-يىغىنىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم قارالمىسى. بۇ قانۇن لايىھەسى تۆت يىللىق مۇھاكىمە ۋە تۈزىتىشتىن ئۆتكەن، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ چەتئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىشتىكى ئاساسلىق قانۇنى بولۇش سۈپىتىدە، مەزمۇنى ۋە ئەھمىيىتى جامائەتچىلىكنىڭ كەڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى. نۇرغۇن چەتئەل تاراتقۇلىرى بۇنىڭغا باھا بېرىپ: «چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى» تۈزۈش جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىدىكى ئەڭ يېڭى تەدبىرى، تاشقى مەبلەغدىن پائال ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشتا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان قانۇننى ئىدارە قىلىش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ دېدى.

  جۇڭگو «ئىككى يىغىن مەزگىلىگە» كىردى، «چەتئەللىك سودىگەرلەر مەبلەغ سېلىش قانۇنى لايىھەسى»گە قاراپ چىقىش ئېچىلىش ئالدىدىكى 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىنىڭ بىر تۈرلۈك مۇھىم قارالمىسى. بۇ قانۇن لايىھەسى تۆت يىللىق مۇھاكىمە ۋە تۈزىتىشتىن ئۆتكەن، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ چەتئەل مەبلىغىدىن پايدىلىنىشتىكى ئاساسلىق قانۇنى بولۇش سۈپىتىدە، مەزمۇنى ۋە ئەھمىيىتى جامائەتچىلىكنىڭ كەڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى. نۇرغۇن چەتئەل تاراتقۇلىرى بۇنىڭغا باھا بېرىپ: «چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى» تۈزۈش جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىدىكى ئەڭ يېڭى تەدبىرى، تاشقى مەبلەغدىن پائال ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشتا دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان قانۇننى ئىدارە قىلىش كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ دېدى.

  سىنگاپور «بىرلەشمە ئەتىگەنلىك خەۋەرلەر گېزىتى»نىڭ 3-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى خەۋېرىدە 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇن لايىھەسى تۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتى زور: بىرىنچىدىن، جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتىكى تەۋرەنمەس ئىرادىسىنى نامايان قىلىدۇ؛ ئىككىنچىدىن، جۇڭگونىڭ چەتئەل مەبلىغىدىن پائال ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، يېڭى بىر نۆۋەتلىك يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تېخىمۇ كۈچلۈك قانۇن كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ؛ ئۈچىنچىدىن، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىنكاس قايتۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تۇنۇشىنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەيدۇ.

  ياپونىيە ئىقتىساد خەۋەرلىرى گېزىتىنىڭ 3-ئاينىڭ 2-كۈنىدىكى خەۋېرىدە مۇنداق دېيىلدى: ئېچىلىش ئالدىدىكى جۇڭگونىڭ 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 2- يىغىنىدا «چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى»نىڭ ماقۇللىنىشىدىن ئۈمىد بار. بۇ قانۇن چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداشنى كۈچەيتىش، جۈملىدىن بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ھەمدە مەمۇرىي ۋاستىدىن پايدىلىنىپ چەت ئەل سودىگەرلىرىگە تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش، چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى ياخشىلاشقا بولمايدۇ دېگەن مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  پاكىستان «مۇنبەر تېز خەۋەرلەر گېزىتى» «جۇڭگو چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئىقتىسادىنى تېخىمۇ كۆپ ئېچىۋېتىدۇ » دېگەن تېمىدا خەۋەر ئېلان قىلىپ: چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنىنى جۇڭگونىڭ سىجىل، ئىشىكنى سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئەڭ يېڭى تەدبىرى دەپ قارىدى دېدى.

  خەۋەردە سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتىچىسى گاۋ فېڭنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى داۋاملىق ياخشىلاپ، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ ئاشكارىلىقىنى ئۈزلۈكسىز يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، چەتئەل مەبلىغى ئەرز قىلىش مېخانىزمى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مۇۋاپىق تەلىپىنى ماسلاشتۇرۇپ قاندۇرۇشقا تىرىشىپ، چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلار ئۈچۈن تېخىمۇ جەلپ قىلىش كۈچىگە ئىگە مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ھازىرلاپ بېرىدۇ.

  خەۋەردە مۇنداق دەپ تەكىتلەندى: جۇڭگو - ئامېرىكا سودا جەمئىيىتى يېقىندا ئېلان قىلغان «2019-يىللىق جۇڭگونىڭ سودا مۇھىتى ھەققىدىكى تەكشۈرۈش دوكلاتى»غا قارىغاندا، 50 پىرسەنت زىيارەت قوبۇل قىلغۇچى كارخانا جۇڭگونىڭ چەتئەل مەبلىغىنىڭ بازارغا كىرىش ئىجازىتىىنى داۋاملىق كېڭەيتىش ئۈچۈن قوللانغان تەدبىرىگە ئۈمىدۋار پوزېتسىيەدە بولغانلىقتىن، بۇ نىسبەتتە يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلغان.

  بېرما «11-چىسلا گېزىتى»نىڭ خەۋېرىدە مۇنداق دېيىلدى: جۇڭگو ئىككى يىغىن مەزگىلىدە «چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى»غا قاراپ چىقىدۇ، بۇ قانۇن جۇڭگونىڭ دۇنيا سودا تەكشىلاتىغا قاتناشقاندىن بۇيانقى سىرتقا ئېچىۋېتىش ساھىسىدىكى ئەڭ مۇھىم قانۇنى بولۇپ قالىدۇ.

  خەۋەردە يەنە مۇنداق دېيىلدى: بۇ قانۇن چەتئەل كارىخانىلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىش دائىرىسىنى كېڭەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، چەتئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش سالمىقىنى ئاشۇرىدۇ ھەمدە مەجبۇرلاش خاراكتېرلىك تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىشنى مەنئى قىلىدۇ.

  فىرانسىيە «ياۋروپا ۋاقتى گېزىتى»نىڭ خەۋېرىدە مۇنداق دەپ قارالدى: نۆۋەتتە تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەر بىلەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلىغىنى جەلىپ قىلىش كۈچىنى تىرىشىپ زارايتماقتا، رىقابەت كەسكىنلەشمەكە، جۇڭگونىڭ «چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى»نى تۈزۈشنى يولغا قويۇشى دەل ۋاختىدا بولدى.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيان، جۇڭگودا «جۇڭگو-چەتئەل شېرىكچىلىكىدىكى كارخانىلار قانۇنى » ، « جۇڭگو بىلەن چەتئەل ھەمكارلىشىپ باشقۇرىدىغان كارخانىلار قانۇنى»، « تاشقى مەبلەغ كارخانىلىرى قانۇنى» نى ئاساس قىلىنغان چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش قانۇن سىستېمىسى شەكىللەندى، لېكىن بۇلارنىڭ ئوچۇق ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىش ئېھتىياجىغا ماسلىشىشى تەس بولۇپ قالدى. مەسىلەن، چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ قايتا مەبلەغ سېلىشىنى قانداق بېكىتىشتە جۇڭگونىڭ ھازىرقى قانۇندىكى ماددىاردا مۇناسىپ چۈشەندۈرۈش يوق،«چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى » بۇ كەمتۈكلۈكنى تولۇقلايدۇ.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى، ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغىنى، جۇڭگو ئەمدى چەتئەل مەبلىغىگە ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرى بىلەن تەمىنلەش بىلەنلا توختاپ قالمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ تىجارەت مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرىدۇ. كىرگۈزگەنلىرىنى ئېلىپ قالالايدۇ، «چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى » دا چەتئەل سودىگەرلىرى شىكايەت خىزمىتى مېخانىزمى تەسىس قىلىش، بازارغا كىرىش ئىجازىتىدە پاسسىپ تىزىملىك بويىچە باشقۇرۇش ئوتتۇرغا قويۇلغان ھەمدە چەتئەل سودىگەرلىرى بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىشكە مەجبۇرلاشقا يول قويماسلىق قاتارلىقلارغا بىر قەدەر كۆپ ئېتىبار بېرىلگەن، بۇ چەتئەل سودىگەرلىرى دەۋا تەلىپىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەيدىغان قانۇن كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر