- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
5G دەۋرىدە كىم كېيىنكى ئاچقۇچلۇق ئەمەلىي قوللانغۇچى بولىدۇ
2019.03.04 16:10 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ھازىر يەر شارىنىڭ كۆچمە ئىنتېرنېتى 5Gنى كۆلەملەشتۈرۈپ سودىدا ئىشلىتىشنىڭ ئۆتكۈنچى ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا. پۈتۈن كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئەسلەيدىغان بولساق، 2G دەۋرىدە قىسقا ئۇچۇر يوللاش-ئەڭ مۇدا خەۋەرلىشىش شەكلى بولغان ئىدى، 3G دەۋرىدە ئۈندىدار گۈللەندى، 4G دەۋرىدە يانفون كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ، سەپەر ئىشلىرىنى باشقۇرىدىغان بولدى، ئۇنداقتا 5G يەنە قانداق ھالقىلىق ساھەلەردە قوللىنىلىدۇ؟ ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر كەسپىنىڭ قايسى تەرەپلىرىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ؟
5G بەشىنچى ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنى كۆرسىتىدۇ، ئۇ سۈرئىتى تېز، ۋاقىت قىسقا، زىچلىقى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۇچۇر يوللاشنى، تېخىمۇ تېز سېگنال ئىنكاسى بېرىشنى ھەمدە ئېقىم مىقدارى تېرمىنالىنى كىرگۈزۈشنى قوللايدۇ.
5Gنىڭ يەنە بىر مۇھىم نىشانى-يېڭى تېخنىكا ۋاستىسى ئارقىلىق سانلىق مەلۇمات تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش، بۇ سانلىق مەلۇمات ئېقىم مىقدارى ئىستېمالىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا پايدىلىق.
كەسپ ساھەسىدىكى ئەربابلار مۇنداق دەپ قارىدى: 5G-تۇنجى تۈرلۈك سەزگۈچ، ماشىنا ئادەم، ئاپتوماتىك ماشىنا ھەيدەش، تەقلىدىي رىئاللىق قاتارلىق ئەقلى ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنە مۇلازىمىتى تورى، ئۇ ئۇچۇر تېخنىكىسىغا ئالاقىدار كەسپلەرگە قايتىدىن ئېنىقلىما بېرىدۇ، پارچە سېتىشتىن مائارىپقىچە، قاتناش ترانسپورتىدىن يىراق مۇساپىلىق داۋالاشقىچە، ئۇل ئەسلىھەلەردىن سانائەت ياسىمىچىلىقىغىچە، 5G تېخنىكىسى جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدۇ، ئۇنىڭ تەسىرى ئېلېكتىر قۇۋۋىتى ۋە ئاپتوموبىلدىن قېلىشمايدۇ.
بارسېلونا دۇنيا كۆچمە خەۋەرلىشىش يىغىنى مەزگىلىدە، جۇڭشىن خەۋەرلىشىش چەكلىك پاي شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن لىدېرى سۈي لى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: 5G تېرمىنالنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىشنى ئىلگىرى سۈردى، 5Gنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى كەڭ بەلبېغىدا بۇلۇت تېرمىنالى بىلەن بۇ يەردىكى تېرمىنالنىڭ پەرقى بولمايدۇ، نۇرغۇن ئەمەلىي قوللىنىشلارنى بۇلۇت تېرمىنالغا كىرگۈزۈشكە بولىدۇ، بۇ تېرمىنالنى تېخىمۇ ئاددىيلاشتۇرىدۇ، يۈكى يىنىكلىگەن تېرمىنال تېخىمۇ ئەرزان، ئىستمالچىلارغا تەننەرخ تېجەپ بېرىدۇ. ئالايلۇق ماشىنا ئادەمنى مىسال قىلساق: بۇلۇت تېرمىناللىق ماشىنا ئادەم سىزنىڭ ئايرىم بىر چوڭ ماشىنا ئادەم سېتىۋالغىنىڭىزغا قارىغاندا خېلىلا ئەرزان.
TCL خەۋەرلىشىشى يەر شارى تەتقىقات تەرەققىيات مەركىزىنىڭ باش دىرېكتورى زۇ چۈەنيۇڭ مۇنداق دەپ قارىدى: ئەمەلىي قوللىنىش ياكى كەسىپ ئېكولوگىيەسى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، 3Gدىن 4Gگە ئۆتۈش ئاساسلىقى يانفوندا گەۋدىلەندى. لېكىن 5Gگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، يانفون بىلەن تەكشى تەگلىك كومپىيۇتېردا ئۇنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسم ئىقتىدارىنىلا قوللىنىشقا بولىدۇ، ئۇنىڭ تېخىمۇ كۆپ قوللىنىشقا بولىدىغان بەك ئىشەنچىلىك بولۇش، ۋاقتى قىسقا بولۇش، ئېقىم مىقدارى ھەممە ساھەگە تۇتۇشۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بار، ئالايلۇق: ئاپتوموبىل تورى، ئەشيا ئوبوروتى تورى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق شەھەر، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق قاتارلىقلار، بۇ ئەمەلىي قوللىنىشلارنىڭ ئومۇملىشىشى تېخنىكىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، دەۋر ئالمىشىشنى تېزلىتىدۇ ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولىدۇ.
يىغىنغا قاتناشقان ھەرقايسى سودىگەرلەر 5G دەۋرىگە ئۈمىد بىلەن قارىدى. ئۇلار 5G تورىدا قوللىنىلىدىغان نۇرغۇن يېڭى مەھسۇلات ۋە يېڭى تېخنىكا لايىھەلىرىنى كۆرگەزمە قىلدى، نۇرغۇن لايىھەلەر ئالاقىدار كەسىپلەردە ئىزدىنىش خاراكتېرلىك قوللىنىلدى، بۇنىڭدىن نۇرغۇنلىغان ئىنتېرنېتنىڭ كەلگۈسى مەنزىرىسىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ.
نوكىيا يىغىندا ئەقلى ئىقتىدارلىق ياسمىچىلىقنىڭ ئەمەلىي قوللىنىش لايىھەسىنى كۆرگەزمە قىلدى. شاڭخەي نوكىيابېل پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن لىدېرى ما تاۋ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىزنىڭ كۆرگەزمە قىلغىنىمىز گېرمانىيەنىڭ سىتۇگرتتىكى بىر ئاپتوموبىل سېخى، ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىكى ماشىنا ئادەم ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق مەنزىرىسىنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ سىستېمىنى نوكىيا شىركىتى بىلەن بوش شىركىتى ھەمكارلىشىپ ئاچقان، 5G مەخسۇس تورى ئاستىدا مەشغۇلات قىلىدۇ، بوش شىركىتىنىڭ مۇقىملاشقان سانائەت ئىشلەپچىقىرىشىغا ياردەم بېرىدۇ ھەمدە نەق مەيداننى نازارەت قىلىپ، مەھسۇلات سۈپىتىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرىدۇ.
ئېرىكسون شىركىتىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، بۇ شىركەت ئۆمىكى تېگىش سېزىملىق ئىقتىدارغا ئىگە يۇمشاق ئوپېراتسىيە ماشىنا ئادەم سىستېمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچقان ھەمدە 5G خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى ئارقىلىق يىراقتىن كونتىرول قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغان. 2018-يىلى 12-ئايدا، ئۇلارنىڭ ئۆمىكى تەجرىبىخانىدا يىراقتىن ئوپېراتسىيە قىلىش تەجرىبە مەشغۇلاتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغان. بۇ ئېنىقلىق دەرىجىسىگە بولغان تەلەپ ئىنتايىن يۇقىرى مەشغۇلات. 5G يەتكۈزۈش سۈرئىتىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى، ۋاقىت ئۇزىراپ كېتىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىمۇ ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى. بۇ يىراقتىن داۋالاشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىدىكى مۇھىم تېخنىكا ئالدىنقى شەرتى، بۇنىڭ داۋالاش بايلىقى يېتىشمەيدىغان چەت-ياقا رايونلارغا ئىنتايىن ياخشى تولۇقلىما بولۇشىدىن ئۈمىد بار.
شياڭگاڭنىڭ بىر ئىگىلىك تىكلەش شىركىتى جۇڭشىڭ خەۋەرلىشىشى بىلەن ھەمكارلىشىپ لايىھەلىگەن ماشىنا ئادەمنى كۆرگەزمە قىلدى، ياندىكى خادىملار ئۇچىسىغا سەزگۈچ تاقىۋالسا ماشىنا ئادەم بىلەن ئۆزئارا ئالاقە قىلالايدۇ، ۋاقىتنى سۈرمەيدىغان 5G تورى ئاستىدا، خادىملار بىر ھەرىكەت قىلسىلا، ماشىنا ئادەم دەرھال ئۇلارغا ئەگىشىپ توغرا ھەرىكەت قىلىدۇ.
بۇ ماشىنا ئادەمنى ئىنسانلارنىڭ ھاياتى تەھدىتكە ئۇچرايدىغان بەزى جايلار، ئالايلۇق: بومبا چۇۋۇش، كىرىزىسنى بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ساھەلەردە ئىشلىتىشكە بولىدۇ، ئۇنى زاۋۇتلاردا ئاپتوماتىك پىششىقلاپ ئىشلەشتە ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. بۇ شىركەتنىڭ قۇرغۇچىسى لۈ لىجۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كەلگۈسىدە ئەگەر 5G تورى پىشىپ يېتىلسە، سەزگۈچ ئارقىلىق ماشىنا ئادەم بىلەن يىراق مۇساپىلىق توغرا مەشغۇلات قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، ماشىنا ئادەمنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئىشلىتىش ئورنى بولىدۇ، ئالايلۇق: ئادەتتىكى ئائىلىلەرگە كىرىپ بالا باققۇچى بولسا بولىدۇ، ۋەھاكازالار.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر