باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لىۋان يېڭى بىر تۈركۈمدىكى سۇرىيە مۇساپىرلىرىنى دۆلىتىگە قايتۇرۇشنى تەشكىللىدى

2019.03.01 16:54         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2-ئاينىڭ 28-كۈنى لىۋان بىخەتەرلىك تارماقلىرى ۋە سۇرىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ماسلاشتۇرۇپ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن يېڭى بىر تۈركۈمدىكى تەخمىنەن 1700 سۇرىيەلىك مۇساپىر لىۋاندىن سۈرىيەگە قايتتى. بۇ لىۋان بۇ يىلدىن بۇيان تەشكىللىگەن 2-تۈركۈمدىكى شۇنداقلا لىۋان يېڭى ھۆكۈمىتى ئالدىنقى ئاينىڭ ئاخىرى قۇرۇلغاندىن بۇيان تەشكىللىگەن تۇنجى تۈركۈمدىكى سۇرىيە مۇساپىرلىرىنى دۆلىتىگە قايتۇرۇش.

  لىۋان خەۋپسىزلىك تارمىقىنىڭ مەسئۇلى ئىبراھىم ئۆتكەن يىلى 12-ئايدا مۇنداق دېگەن: 2018-يىلى تەخمىنەن 110 مىڭ مۇساپىر لىۋاندىن سۈرىيەگە قايتتى، ئەمما ئۇ بۇ مۇساپىرلارنىڭ ئۆزى قايتىدىغانلىقى ياكى لىۋان دائىرلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى تىلغا ئالمىدى. لىۋاننىڭ سابىق مۇساپىرلار ئىشلىرى باشلىقى ئىلگىرى 2018-يىلنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا تەخمىنەن 55 مىڭ سۈرىيەلىك مۇساپىر دۆلىتىگە قايتتى، ئۇنىڭ ئىچىدە تەخمىەن يەتتە مىڭ كىشىنى لىۋان خەۋپسىزلىك تارماقلىرى تەشكىللىگەن دېگەن ئىدى.

  لىۋان ھۆكۈمىتىنىڭ مۆلچەرىگە قارىغاندا، 2011-يىلى سۈرىيە كىرزىسى پارتىلغاندىن بۇيان، تەخمىنەن بىر مىليون 500 مىڭ سۇرىيەلىك مۇساپىر لىۋانغا كىرگەن، لىۋان ھۆكۈمىتى كۆپ قېتىم سۈرىيەلىك مۇساپىرلار لىۋانغا ئېغىر ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ۋە بىخەتەرلىك قاتارلىق جەھەتتە يۈك بولدى، شۇڭلاشقا ئۇلارنىڭ سۈرىيەگە قايتىشىنى تەلەپ قىلىمىز، دېگەن.

  ھازىرقى باسقۇچتا لىۋاننىڭ سۇرىيەلىك مۇساپىرلارنى دۆلىتىگە قايتۇرۇش ئاساسىي تەرتىپى بولسا، سۇرىيە بىلەن ماسلاشتۇرغاندىن كېيىن لىۋان خەۋپسىزلىك تارماقلىرى دۆلىتىگە قايتىشنى خالايدىغان سۇرىيەلىك مۇساپىرلارنى تىزىملايدۇ، ھەمدە ئۇلارنى مۇناسىپ ئىسپات ھۆججىتى تەمىنلەيدۇ، ئاندىن ئۇلارنى سۇرىيە تەمىنلىگەن ئاپتوبۇسقا ئولتۇرغۇزۇپ بىر تۇتاش سۇرىيەگە قايتىشقا تەشكىللەيدۇ.

  لىۋان خەۋپسىزلىك تارمىقىنىڭ بىر خەۋەردار ئەربابى شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا 2018-يىل- 4-ئايدىن بۇيان، خەۋپسىزلىك تارمىقىنىڭ 20 تۈركۈمدە سۈرىيە مۇساپىرلىرىنى ۋەتەنگە قايتىشىغا تەشكىللىگەنلىكىنى ئېيتتى.

  لىۋان سۇرىيە بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇچراشقاندىن باشقا، رۇسىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىقلارنىڭ قوللىشى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، سۇرىيە مۇساپىرلىرىنىڭ قايتىشىغا ماس كېلىدىغان كەيپىيات يارىتىشىغا ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى. سۈرىيە مۇساپىرلىرىنى يۇرتىغا قايتۇرۇش مەسىلىسىدە ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەيدانى بىردەك ئەمەس.

  رۇسىيە سۇرىيە مۇساپىرلىرىنىڭ قايتىشىنى قوللىدى. ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى، رۇسىيە رۇسىيە-لىۋان ۋە سۇرىيە ئۈچ تەرەپ كومىتېتى قۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، سۇرىيە مۇساپىرلىرىنىڭ قانۇنلۇق، بىخەتەر يۇرتىغا قايتىشقا ياردەم بەرمەكچى بولغان. رۇسىيەنىڭ لىۋاندىكى باش ئەلچىسى ئالېكساندىر يېقىندا لىۋان تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى : سۈرىيەنىڭ 400 دىن ئارتۇق شەھەر ۋە يېزا-بازارلىرى مۇساپىرلارنى قوبۇل قىلىش، مۇساپىرلارنىڭ قايتىپ كېلىشىگە تەييارلىق قىلىپ قويدى.

  يەنە بىر تەرەپتىن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مۇساپىرلار مەھكىمىسى، ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقى قاتارلىقلار مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: نۆۋەتتە سۈرىيە مۇساپىرلىرىنى كەڭ كۆلەمدە يۇرتىغا قايتۇرۇش شارائىتى تېخى پىشىپ يېتىلمىدى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە بىخەتەرلىك سىياسىتى بويىچە يۇقىرى دەرىجىلىك ۋەكىلى موغرىنى مۇشۇ ھەپتە لىۋاندا زىيارەتتە بولدى ھەمدە لىۋان زۇڭتۇڭى ئوئىن بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنداق دېدى: سۇرىيە كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش لايىھەسى ھاسىل قىلىنشتىن بۇرۇن، مۇساپىرلارنى قايتۇرۇش لايىھەسىنى باشلاش تەس.

  مۇساپىرلارنى دۆلىتىگە قايتۇرۇشقا قارىتا تېخىمۇ كۆپ سۈرىيە مۇساپىرلىرى ۋەزىيەتنى كۆزىتىپ بېقىش پوزىسىيەسىدە بولدى، چۈنكى ئۇلارغا سۈرىيە ۋەزىيىتىنىڭ بىخەتەر-بىخەتەر ئەمەسلىكى ئېنىق ئەمەس، ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن تۇرمۇش ۋە ئىقتىسادىي ئەھۋالى كاپالەتكە ئىگە بولامدۇ-يوق، ۋەتەنگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن يەنە سەرسان بولۇشقا مەجبۇر بولامدۇ-يوق، دېگەن ئەھۋاللار ئۇلارنى ئىككىلەندۈردى ۋە ئەندىشگە سالدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر