2-ئاينىڭ 24-كۈنى، ھىندىستاننىڭ ئاسسام ئىشتاتى كولاگات ناھىيەسىدىكى بىر دوختۇرخانىدا، ساختا ھاراق ئىچكەن بىمارلار دوختۇرخانىدا داۋالانماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 25- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھىندىستان ئاسسام ئىشتاتى ھۆكۈمىتى 24-فېۋرال، مەزكۇر ئىشتاتتا يۈز بەرگەن ساختا ھاراق ۋەقەسىدە 156 ئادەم ئۆلگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئاسسام ئىشتاتى ھۆكۈمىتى ئەمەلدارىنىڭ ئېيتىشىچە، 24-چېسلا چۈشتىن كېيىنگىچە، مەزكۇر ئىشتاتنىڭ گولاگات ناھىيەسىدىكى دوختۇرخانىلار 85 كىشىنىڭ ساختا ھاراق ئىچكەنلىكتىن ئۆلگەنلىكىنى دوكلات قىلدى، قوشنا ناھىيە جورخاتتىكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنى قوبۇل قىلىپ داۋالىغان دوختۇرخانىلار 71 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى دوكلات قىلدى.
كولاگات ناھىيەسى چېگراسى ئىچىدىكى بىر چايزارلىقتىكى ئىشچىلار 2-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچتە، ساختا ھاراق ئىچكەندىن كېيىن ئادەم ئۆلۈشكە باشلىدى، ھازىرغىچە يەنە 200 دىن ئارتۇق ئادەم دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋاتىدۇ. شۇ يەرلىك ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە ساختا ھاراق ئىشلەپچىقارغان، ساتقان 19 جىنايەت گۇماندارى بېكىتىلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بەش جىنايەت گۇماندارى ئاللىقاچان ئۆلگەن.
ھىندىستان يېزىلىرىدا قانۇنسىز سودىگەرلەرنىڭ ساختا ھاراق سېتىشى سەۋەبلىك كوللېكتىپ زەھەرلىنىش دېلولىرى دائىم يۈز بېرىدۇ، بۇ خىل ساختا ھاراقلارغا ئادەتتە سانائەت ئىسپىرتى ئارىلاشتۇرۇلىدىغان بولۇپ، جانغا زامىن بولالايدۇ. باشقۇرۇش-كونترول قىلىش قاتتىق بولماسلىق تۈپەيلىدىن، بۇ خىل ۋەقەلەر پات-پات يۈز بېرىپ تۇرىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى