- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
ياۋروپانىڭ بۇ قىلمىشى ئىنتايىن قەبىھ، رەھىمسىز بولدى
2019.02.20 16:19 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
جۇڭگو-ئامېرىكا سۆھبەت ئۆمىكى بېيجىڭدا جىددىي سۆھبەت ئېلىپ بېرىۋاتقان پەيتتە، ياۋروپا پارلامېنتى يۇقىرى بېلەت بىلەن بىر قانۇن لايىھەسىنى ماقۇللىغان. گەرچە قانۇن لايىھەسىدە كىمگە قارىتىلغانلىقى تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ھەممە ئادەم بۇنىڭ جۇڭگوغا قارىتىلغانلىقىنى بىلىدۇ.
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، بۇ ياۋروپانىڭ جۇڭگوغا قىلغان رەھىمسىزلىكى.
بۇ قانداق قانۇن لايىھەسى؟ بۇ قانۇن لايىھەسىگە ئاساسەن، ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇھىم كەسىپلەردىكى چەتئەل مەبلىغىگە قارىتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ، شۇنداقلا بۇ مەبلەغنىڭ ياۋروپانىڭ مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزگەن-يەتكۈزمىگەنلىكىگە قارىتا پىكرىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ قىلمىشنى ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ چەتئەل مەبلىغىگە قارىتا سالغان «مۇداپىئەلىنىش تېمى» دەپ ئاتاشقا بولىدۇ. ئوچۇقىنى ئېيتقاندا، چەتئەل مەبلىغىگە قارىتا سىياسىي تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىدۇ.
نۇرغۇن ئادەملەر، يىللاردىن بۇيان جۇڭگونىڭ ياۋروپاغا مەبلەغ سېلىش سۈرئىتىنى ئاشۇرۇۋاتقانلىقى، ياۋروپانىڭ ھوشيارلىقىنى بارغانسېرى ئاشۇرىۋاتقانلىقىنى بىلىدۇ. بۇ قانۇن لايىھەسى ياۋروپانىڭ جۇڭگو مەبلىغىنى ھەر قاچان توسۇيدىغان ئۆتكۈر قورالىغا ئايلىنىدۇ.
بۇ پىچاق، قانچىلىك قەبىھ ئۇرۇلدى؟
ئۆزىنىڭ يۈزىگە ئۇرغانلىق بىلەن باراۋەر
بۇ پىچاقنى تۇيۇقسىز ئۇرۇلغان دېيىشكە بولمايدۇ.
گېرمانىيە، فرانسىيە قاتارلىق ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئاساسلىق چوڭ دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو مەبلىغىگە بولغان مۇئامىلىسى ۋە خاھىشى ئاللىبۇرۇن تازنىڭ بېشىدىكى پىتقا ئوخشاپ قالغان. ئۇلار بۇرۇنلا ئېھتىيات قىلىشقا باشلىغان بولۇپ، ھەرىكەت قوللىنىشى ھامان بولىدىغان ئىش ھېسابلىناتتى. جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئېلىشىۋاتقان مەزگىلدە، ئىزچىل ئىككىلىنىۋاتقان ياۋروپامۇ، ئامېرىكا تەرەپتە تۇرىدىغان خاھىشىنى ئېنىق ئىپادىلىدى.
مۇشۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ، ئەزا دۆلەتلەر كۆپ بولغان ياۋروپادا، جۇڭگوغا بولغان مەيدانىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇنچىۋالا ئاسان ئىش ئەمەس. ياۋروپانىڭ بۇ چەتئەل مەبلىغى قانۇن لايىھەسىنى كېڭىشىۋاتقىنىغا ئىككى-ئۈچ يىل بولدى. ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىچكى قىسمىدا، گرىتسىيە، ۋېنگىرىيە قاتارلىق جەنۇبىي ياۋروپا، ئوتتۇرا شەرقىي ياۋروپادىكى دۆلەتلەر جۇڭگو بىلەن قارشىلىشىشنى قەتئىي قوللىمايدۇ.
ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئەزا دۆلەتلەر بىلەن جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنىڭ زىچلىق دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ، ئامېرىكا توقۇپ چىقارغان ئاتالمىش جۇڭگو مەبلىغىنىڭ تەھدىت سېلىش دەرىجىسىگە بولغان چۈشەنچىسىمۇ ئوخشىمايدۇ، بولۇپمۇ، ئۇلارنىڭ ئىدىئولوگىيە ۋە سەپتىن چىقىش قىلغان جۇڭگوغا بولغان مەيدانىنىڭ مۇستەھكەملىك دەرىجىسىدىمۇ زور پەرق مەۋجۇت. ھازىرقى قانۇن لايىھەسى، ئۇنىۋېرسال تەڭپۇڭلاشتۇرۇلغاندىن كېيىنكى نەتىجە، لېكىن ئۇنىڭ تىغى يەنىلا مەۋجۇت.
ئەمەلىيەتتە، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ يۈرىكى پوك-پوك. ياۋروپا ئىزچىل ئەركىن سودا بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ يۈرگەن ئەمەسمۇ؟ سودا قورۇقچىلىقىغا قارشى تۇرۇشتىكى ئاۋانگارت ئەمەسمۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئۆزى يەنە ئەركىن سودىنىڭ سىياسىي توسالغۇسىنى تەسىس قىلىدۇ؟ بۇ ئۆزىنىڭ يۈزىگە ئۇرغانلىق ئەمەسمۇ! يەرشارى مەسلىكى، ئەركىن سودا دەپ توۋلاپ يۈرگەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزا دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى يۈزىنىڭ ئازراق بولسىمۇ قىزارغانلىقىنى ھېس قىلغانمىدۇ؟
باشقىلارغا زىيان يەتكۈزىدۇ
بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ جۇڭگو مەبلىغىگە بولغان تەسىرى ناھايىتى روشەن.
بۇرۇن ياۋروپادا مەبلەغ سالغاندا، پەقەت شىركەت بىلەن شىركەت ئوتتۇرىسىدا سودا لوگىكىسى بويىچە مەبلەغ سېلىش سۆھبىتى ئېلىپ بېرىلاتتى، ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ھۆكۈمىتى بەك بولۇپ كەتسە بىر سەلبىي تىزىملىك تۈرىدىكى نەرسىلەرنى، مەسىلەن قايسى ساھەلەردە چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشى چەكلىنىدۇ دېگەندەك نەرسىلەرنى تەسىس قىلىپ قوياتتى.
بۇنداق بىر قانۇن لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشى، يەنىلا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەرگە چەتئەل مەبلىغى بىلەن بولغان ھەمكارلىق جەھەتتە بىر قانۇن ئاساسى بىلەن تەمىنلەپ بېرىدۇ. ئۇ قورۇقچىلىق ئېلىپ بارماقچى بولغاندا، ياكى ئامېرىكىنىڭ ئىدىئولوگىيەسى بىلەن بىر سەپتە تۇرماقچى بولغاندا، ياكى پەقەتلا جۇڭگو بىلەن سۆھبەتلىشىشتىكى پىشكىسى قىلماقچى بولغاندا، بۇ قانۇن لايىھەسىنى چىقىرىپ، نورمال سودا ھەمكارلىقىدىكى كارخانا قوشۇۋېلىشنىڭ ئارىسىغا كىرەلەيدۇ.
بۇنداق بولغاندا، مەبلەغ سېلىش ياكى سودا قىلغىلى بولۇش-بولماسلىقنىڭ ئۆلچىمى پەقەت ئۆزئارا مەنپەئەتلىنىپ، تەڭ نەپ ئېلىشلا بولماي، بەلكى باشقىلارنىڭ سىياسىي ئېھتىياجىغا، ھەتتا ئىدىئولوگىيەلىك ھۆكۈمىگە بويسۇنۇش كېرەك بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئىلگىرى بۇ مەبلەغ تەكشۈرۈش قانۇنى يوق ۋاقىتتىمۇ، بىر قىسىم ياۋروپا ھۆكۈمەتلىرى جۇڭگونىڭ نورمال مەبلەغ سېلىشىغا كۆپ قېتىم توسالغۇلۇق قىلغان. ھازىر تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىشقا باشلىدى.
سانلىق ئۇچۇرلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلى، جۇڭگو شىركەتلىرىنىڭ ياۋروپادىكى سېتىۋېلىش ۋە مەبلەغ سېلىش سوممىسى 31 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى (209 مىليارد يۈەن خەلق پۇلى) غا چۈشكەن بولۇپ، 2017-يىلىدىن يېرىمى دېگۈدەك كېمىيىپ كەتكەن. 2016-يىلى رېكورت يارىتىلغان بىر يىل بولۇپ، شۇ يىلى جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ياۋروپاغا سالغان مەبلەغ سوممىسى 85 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ، بۇ 2018-يىلىدىكى ئومۇمىي سوممىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە يېقىنلىشىدۇ. ياۋروپادا كۈنسايىن ئېشىپ بېرىۋاتقان ئىشەنمەسلىك تۇيغۇسى ۋە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنىڭ پەسىيىشى، جۇڭگونىڭ ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى كارخانىلارنى سېتىۋېلىشىنىڭ كېمىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
بۇ قانۇن لايىھەسى شۈبھىسىزكى ئۆلگەننىڭ ئۈستىگە تەپكەندەك ئىش بولىدۇ
ئۆزىگە زىيان يەتكۈزىدۇ
مەزكۇر قانۇن لايىھەسى باشقىلارغا زىيان سېلىش بىلەن تەڭ ئۆزىگىمۇ پايدىسىز!
ئۇ چەتئەل كارخانىلىرىنىڭ، بولۇپمۇ جۇڭگو كارخانلىرىنىڭ ياۋروپاغا مەبلەغ سېلىشتىكى قىزغىنلىقى ۋە پۇرسىتىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ، ئەمەلىيەتتە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنىڭمۇ چەتئەللەرنىڭ، بولۇپمۇ جۇڭگونىڭ مەبلىغىدىن پايدىلىنىش ئېھتىماللىقىنى چەكلەيدۇ.
ياۋروپا قەرز كىرزىسىدىن بۇيان، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەرنىڭ كۈنى ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى ئۆتمىدى. بۇرۇن كىرىزىسقا پېتىپ قالغان دۆلەتلەر، باشقا دۆلەتلەرنىڭ يۆلىشى بىلەن ئاران تەستە نەپىسىنى رۇسلىغان، فىرانسىيە، گېرمانىيەدەك ئىقتىسادتا باشلامچى دۆلەتلەرمۇ ئىنتايىن قىينالغان. ئەسلىدە، دەل مۇشۇنداق ۋاقىتلاردا، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئېچىۋېتىش مەيدانىنى مۇستەھكەملىشى كېرەك ئىدى. لېكىن بەلكىم ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىنىڭ بارغانسېرى تۆۋەنلەۋاتقانلىقىدىنمۇ، ياكى بارغانسېرى جىددىيلىشىۋاتامدۇ ئەيتاۋۇر، ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىختىيارسىز ھالدا تىلى بىلەن دىلى بىردەك بولماي، قورۇقچىلىق تەرەپكە سىلجىدى. بۇنداق قىلغاندا نەتىجە پەقەت ئەكسىچە چىقىدۇ خالاس.
ياۋروپا ئىتتىپاقى «ئاممىۋى بىخەتەرلىككە چېتىلىدۇ» دېگەن سەۋەب بىلەن جۇڭگونىڭ ئەقلىي ئىقتىدار، ئاپتوماتىك ماشىنا ئادەم، نانومېتر تېخنىكىسى ۋە ئۇچۇر-ئالاقە ساھەسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇقىرى تېخنىكا ساھەسىدىكى مەبلەغ سېلىپ سېتىۋېلىپ قوشۇۋېلىشىنى چەكلىشى، ئوچۇق قىلىپ ئېيتقاندا جۇڭگونىڭ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ياۋروپا شىركەتلىرىنىڭ پاتېنتلىق تېخنىكىسى ۋە سودا مەخپىيەتلىكىنى «ئوغرىلىشىدىن» ئەنسىرىگەنلىكتۇر. لېكىن بىز كۆرۈپ باقساق بولىدۇ، دۇنيانىڭ ئەقلىي ئىقتىدار ساھەسىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان شىركەتلەر ئىچىدە، ياۋروپادىكى كارخانىلار يوق دېيەرلىك، لېكىن جۇڭگو كارخانىلىرى ئومۇميۈزلۈك ھالدا كەلگۈسى يۇقىرى پەن-تېخنىكا ساھەسىدىكى كۈچلۈك ئېلىشقۇچى دەپ قارالماقتا.
ئەلۋەتتە، قانۇن لايىھەسى ماقۇللانغان بىلەن، كونكىرېت قانداق ئىجرا قىلىنىشىغا بىر نېمە دېمەك تەس. نېمىلا دېگەن بىلەن، قانۇن لايىھەسىنى كېڭىشىش ۋە ماقۇللاش جەريانىدا نۇرغۇن ئىختىلاپلار كۆرۈلدى، بۇ قېتىم ماقۇللانغىنى بىلەنمۇ، ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۆز دۆلىتىدە ئىجرا قىلىدۇ. بىر مەبلەغ سېلىش ياكى ھەمكارلىق تۈرى كونكىرېت مەلۇم دۆلەتتىكى بىر شىركەتكە قارىتىلغان بولىدۇ. بۇ دۆلەتلەرمۇ تۆمۈر ئەمەس، قايسىسى قاتتىق ئىجرا قىلىدۇ، قايسىسى بوشراق، بۇنى ئىجرا قىلىدىغان دۆلەت ۋە ئىجرا قىلىدىغان ئورۇن قارار قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى جانلىق ئامىللارمۇ كۆپىيىدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
ئالاقىدار خەۋەرلەر