باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافغانىستاننىڭ مۇۋەققەت دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى تىنچلىق سۆھبىتى ئارقىلىق ئىچكى داۋالغۇش ۋەزىيىتىگە...

2017.07.06 14:11         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئافغانىستاننىڭ مۇۋەققەت دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى تىنچلىق سۆھبىتى ئارقىلىق ئىچكى داۋالغۇش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىشكە دەۋەت قىلدى

  ئافغانىستاننىڭ مۇۋەققەت دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى تەلىك باھرامى 4-ئىيۇل مۇنداق دېدى: ئافغانىستان يولۇقۇۋاتقان بىخەتەرلىك تەھدىتىنى ھەربىي ۋاسىتىسى بىلەن تۈگەتكىلى بولمايدۇ، بىردىن بىر يول سىياسىي جەھەتتىن تىنچلىق سۆھبەت ئۆتكۈزگەندىلا ئاندىن دۆلەتنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

  ئۇ، يېقىندا ئامېرىكا بىلەن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئافغانىستانغا ئەسكەر كۆپەيتىش توغرىسىدىكى خەۋىرىگە قارىتا مۇنداق دېدى: ئافغانىستان چەتئەللەرنىڭ ئەسكەر كۆپەيتىشكە تايىنىپ داۋالغۇش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىشنى ئۈمىد قىلمايدۇ. ئافغانىستاننىڭ كەلگۈسىنى بەرپا قىلىشتا ئافغانىستانلىقلارغا تايىنىش كېرەك. ئۇ يەنە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئارقا تەرەپتە ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەرنى قوللاپ، ئافغانىستاننىڭ تىنچلىق مۇساپىسىگە ئارىلىشىۋاتقان سىرتقى كۈچلەردىن ھوشيار بولۇشنى مۇراجىئەت قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر