باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بىلگىيە ساقچىلىرى 12 تېررورلۇق گۇماندارىنى قولغا ئالدى

2016.06.20 11:05         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  15-ئىيۇن بىلگىيە تاراتقۇلىرى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تارماقلىرىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: ئاخباراتتىن ئايان بولۇشىچە، يېڭى بىر تۈركۈم سۇرىيە غازاتچىلىرى تۈركىيە ۋە گىرتىسىيە ئارقىلىق ياۋروپاغا كىرىپ، يېقىندا فىرانسىيە بىلەن بىلگىيەگە ھۇجۇم قىلماقچى بولغان. بىلگىيە فېدېراتسىيە تەپتىش مەھكىمىسى تۈنۈگۈن تاراتقۇلارغا بىلگىيە ساقچىلىرىنىڭ 17-ئىيۇن يېرىم كېچىدە ئاساسلىقى پايتەخت بريۇسسېلنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ھەمدە بۇ دۆلەتنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى نۇرغۇن جايلاردا جەمئىي 40 قېتىمدىن ئارتۇق ئاختۇرۇش ھەرىكىتى ئېلىپ بارغانلىقى، 12 كىشىنىڭ تېررورلۇق تەشكىلاتى بىلەن چېتىشلىق بولۇپ، ھۇجۇم قىلماقچى بولغاندا قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئىسپاتلىدى. بىلگىيە فىرانسۆزچە رادىئو تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ساقچىلار ھەرىكەتتە يەنە 150دىن ئارتۇق گۇمانلىق ئامبارغا تۇيۇقسىز باستۇرۇپ كىرگەن، لېكىن قورال-ياراق ياكى پارتلاتقۇچ بايقىمىغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر