باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ بىر ئايال ئەزاسى ئوق تېگىپ قازا قىلدى

2016.06.17 15:43         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئەنگلىيە ساقچى دائىرلىرى 16-ئىيۇن مۇنداق دېدى: ئەنگلىيە پارلامېنتىنىڭ بىر ئايال ئەزاسى شۇ كۈنى غەربىي يوركشىرېدا ئوق تېگىپ قازا قىلدى.

  شۇ جاي تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، غەربىي يوركشىرې ساقچى دائىرلىرى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 1 لەردە، ساقچى دائىرلىرى 40 ياش ئەتراپىدىكى بىر ئايالغا ئوق تېگىپ ئېغىر يارىلانغانلىق ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. ساقچى دائىرلىرى دەرھال نەق مەيدانغا بارغان ھەم شۇ ئەتراپتا يەنە بىر ياشانغان يارىلانغۇچىنى بايقىغان.

  ساقچىلار ئوق تەككەن بۇ ئايالنىڭ جو كوكس بولۇپ، ئىشچىلار پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈردى. خەۋەردە ئېيتىلىشچە، كوكس دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن داۋالاش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان، يەنە بىر ياشانغان يارىلانغۇچىنىڭ ھاياتى خەۋپ ئىچىدە ئىكەن.

  ساقچىلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ساقچىلار دېلوغا چېتىشلىق 50 ياشتىن ئاشقان بىر ئەرنى تۇتقان ھەم بىر قورالنى تاپقان، ھازىر دېلوغا چېتىشلىق باشقا كىشى بايقالمىغان. ساقچى دائىرلىرى بۇ دېلونى تەكشۈرىۋاتىدۇ. (شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى)

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەرھابا ئەبەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر