باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سۇرىيە ھۆكۈمىتى چەتئەل ئالاھىدە قىسىملىرىنى چېگرىمىزغا رۇخسەتسىز كىردى دەپ ئەيىبلىدى

2016.06.16 17:00         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  سۇرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن بايانات ئېلان قىلىپ، چەتئەل ئالاھىدە قىسىملىرى رۇخسىتىمىزنى ئالماي تۇرۇپ سۇرىيەنىڭ شىمالىدىكى رايونلارغا كىردى دەپ قاتتىق ئەيىبلىدى. ھۆكۈمەت تەرەپ سۇرىيە ئاگېنتلىقى شۇ كۈنى سۇرىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: يېقىندا بەزى خەۋەرلەردە فىرانسىيە ۋە گېرمانىيە ئالاھىدە قىسىملىرىنىڭ سۇرىيەنىڭ شىمالىدىكى ئەيىن ئەرەب، مەنبىجى قاتارلىق رايونلىرىغا كىردى دېيىلدى، سۇرىيە بۇنى كۈچلۈك ئەيىبلەيدۇ، بۇ «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ خارتىيىسى»گە ئاشكارا خىلاپلىق قىلغانلىق ۋە سۇرىيەنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ئېغۋاگەرچىلىك قىلغانلىق دەپ قارايدۇ. باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: قانۇنلۇق بولغان تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتتە سۇرىيە ھۆكۈمىتى بىلەن ھەمكارلىشىش شەرت. گېرمانىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئارقىدىن سۇرىيەدە ئالاھىدە قىسمى بارلىقىنى ئىنكار قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر