باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لىۋىيە ھۆكۈمەت مۇھاپىزەت ئەترىتى ئىسلام دۆلىتى قوراللىق تەشكىلاتىنىڭ بومبا ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىشىغا ئۇچرىدى

2016.06.13 16:26         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  لىۋىيە مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتى مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى 12-ئىيون، ھۆكۈمەت مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ شۇ كۈنى غەربىي قىسىمدىكى سىرت شەھىرىدە ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىسلام دۆلىتى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ ئۈچ قېتىم ئادەم بومبا ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى جاكارلىدى، ئۆلۈم يېتىم ئىشلىرى ئېلان قىلىنمىدى.

  ھۆكۈمەت مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مۇنداق دېدى: ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھۆكۈمەت مۇھاپىزەت ئەترىتىنىڭ بىر دالا دوختۇرخانىسىغا يېقىن جايدا يۈز بەردى، ئۆلۈم يېتىم ئىشلىرى توغرىسىدا تېخى ئېنىق خەۋەر يوق.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، تېررورچى تەشكىلات بىلەن ئەسەبىي تەشكىلات لىۋىيە ۋەزىيىتىنىڭ داۋالغۇشىدىن پايدىلىنىپ لىۋىيەدىكى كۈچ دائىرىسىنى كېڭەيتتى. بۇ يىل 5-ئايدىن بۇيان، لىۋىيە مىللىي ئىتتىپاق ھۆكۈمىتى مۇھاپىزەت ئەترىتى لىۋىيە تەۋەسىدە ئىسلام دۆلىتى قوراللىق كۈچلىرىگە قاراتقان قوراللىق زەربە بېرىش كۈچىنى زورايتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر