باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

مېركېل:گېرمانىيە جۇڭگونىڭ قۇرالما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتىغا قاتنىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ

2016.06.13 16:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گېرمانىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى زۇڭلىسىنىڭ ھۆكۈمەت تورى يېقىندا گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېلنىڭ گېرمانىيەنىڭ جۇڭگودا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مېركېل زىيارەتتە مۇنداق دېدى: جۇڭگو قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى يولغا قويماقتا، بۇ ئىنتايىن مۇھىم ھەمدە زور باتۇرلۇق، گېرمانىيە بۇنىڭغا قاتنىشىشنى خالايدۇ.

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن، مېركېل 12-ئىيۇندىن 14- ئىيۇنغىچە جۇڭگودا رەسمىي زىيارەتتە بولىدۇ.

  مېركېل زىيارەتتە مۇنداق دېدى: مەن جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلىمدە شېنياڭدا زىيارەتتە بولىمەن. جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالى رايونى قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى بېشىدىن كەچۈرمەكتە، گېرمانىيەمۇ ئىلگىرى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن. ئۇ، جۇڭگونىڭ قانداق ھەرىكەت پىلانىنى بېكىتكەنلىكىنى ، گېرمانىيەنىڭ پىكىر بېرىش ۋە ھەرىكەت جەھەتتە ياردەم بېرىش بېرىلمەسلىكىنى كۆرۈپ بېقىشقا قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  مېركېل جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، جۇڭگو گېرمانىيە زۇڭلىلىرى 4- نۆۋەتلىك جۇڭگو گېرمانىيە ھۆكۈمەتلىرىنىڭ كېڭىشىشىگە بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر