باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

قازاقىستان ئاقتۆپىدىكى ئەڭ ئاخىرقى تۆت تېررورچىنى قولغا ئالدى

2016.06.13 16:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  قازاقىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 12-ئىيون، قازاقىستاننىڭ غەربىدىكى ئاقتۆپە رايونىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە قاتناشقان ئەڭ ئاخىرقى ئۈچ تېررورچىنى قولغا چۈشۈرگەن، بۇنىڭ بىلەن ئاقتۆپىدىكى تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت تولۇق ئاخىرلاشقان، قىزىل بىخەتەرلىك ئاگاھلاندۇرۇشى ئاپېلسىن رەڭگە چۈشۈرۈلگەن.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: 5-ئىيون ئاقتۆپەدە تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن بۇيان، بۇ قېتىمقى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتىدە 18 تېررورچى ئېتىپ تاشلاندى، 11 تېررورچى قولغا ئىلىندى، قانۇنسىز بۇلاپ كېتىلگەن بارلىق قۇرال ياراقلار قولغا چۈشۈرۈلدى.

  خەۋەردە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: قازاقىستان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مەركىزى ئاقتۆپىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قوماندانلىق بۆلۈمى، ئاقتۆپىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىگە قاتناشقان بارلىق تېررورچىلارنىڭ قولغا چۈشكەنلىكىنى ۋە ئېتىپ تاشلانغانلىقىنى بېكىتتى، قازاقىستان ساقچى تەرەپ نۆۋەتتە قولغا چۈشكەن تېررورچىلارنىڭ جىنايى ئىشلىرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتمەكتە.

  قازاقىستان دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: بۇ قېتىمقى ھەرىكەتتە، قازاقىستاننىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قىسمى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئائىلىلەردىن بىرەر كىشىمۇ قازا قىلمىدى ۋە يارىلانمىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر