باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئافغانىستان ئارمىيە تەرەپ تالىبان قاتارلىق قوراللىق كۈچلەرنىڭ 46 ئادىمىنى ئېتىپ تاشلىدى

2016.06.13 16:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئافغانىستان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 12-ئىيون، ئارمىيە تەرەپنىڭ 11- ئىيوندىكى ھەرىكىتىدە تالىبان ۋە ئەسەبىي تەشكىلات بولغان ئىسلام دۆلىتىنىڭ 46 قوراللىق خادىمىنى ئېتىپ تاشلىغانلىقىنى جاكارلىدى.

  ئارمىيە تەرەپ ئېلان قىلغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: ئۆتكەن بىر كۈندىكى بىر قانچە قېتىملىق تازىلاش ھەرىكىتىدە، قۇرۇقلۇق قىسىم ئېغىر تىپتىكى قۇراللار ۋە ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ ياردىمى ئارقىسىدا، جەمئىي 46 قوراللىق خادىمنى ئېتىپ تاشلىدى، ئۇندىن باشقا 24 كىشىنى يارىلاندۇردى، 4 كىشى قولغا چۈشۈردى.

  تالىبان قوراللىق خادىملىرىنى ئېتىپ تاشلىغاندىن سىرت يەنە ئىسلام دۆلىتىنىڭ 13 قوراللىق خادىمىنىمۇ ئېتىپ تاشلىدى. ئافغانىستان ئارمىيە تەرەپ ھەرىكىتىدە يەنە تۈرلۈك قۇرال ياراق ۋە ئوق دورىلارنى ئۆلچە ئالدى ۋە بىر قىسىم پارتلىتىش ئۈسكۈنىلىرىنى بۇزۇپ تاشلىدى.

  ئافغانىستان ئارمىيە تەرەپ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئارمىيە تەرەپتىن 11 كىشىنىڭ يۇقىرىقى ھەرىكەتتە قازا قىلغانلىقىنى جاكارلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر