باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بان كېمون ئامېرىكىنىڭ ئورلاندو شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى

2016.06.13 16:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كېمون 12-ئىيون باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، شۇ كۈنى ئەتىگەندە ئامېرىكىنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىدىكى ئورلاندو شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى.

  باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: بان كېمون بۇ قورقۇنچلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى ئەيىبلىدى. ئۇ قازا قىلغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن چوڭقۇر ھال سورىدى، ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى تەرەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ئامېرىكىنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىدىكى ئورلاندو شەھىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى كەچلىك كۇلۇب 12-ئىيون ئەتىگەندە قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى، ئورلاندو شەھىرىنىڭ باشلىقى ۋەقەدە 50 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 53 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر