باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ ئورلاندو شەھىرىدە يۈز بەرگەن ئوققا تۇتۇش ۋەقەسىدە 50 كىشى قازا قىلدى

2016.06.13 14:47         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شۇ يەر ۋاقتى 12-ئىيون ئەتىگەندە، ئامېرىكىنىڭ فىلورىدا ئىشتاتىدىكى ئورلاندو شەھىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى كەچلىك كۇلۇب قوراللىق ھۇجۇمغا ئۇچرىدى. ئورلاندو شەھىرىنىڭ باشلىقى بادىي دەيېر ۋەقەدە 50 كىشىنىڭ قازا قىلغانلىقىنى، 53 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقىنى، ئېلىشىش جەريانىدا نەچچە ساقچىنىڭ يارىلانغانلىقىنى جاكارلىدى. دەيېر يەنە ئورلاندو شەھىرىنىڭ جىددىي ھالەتكە كىرگەنلىكىنى ھەم فىلورىدا ئىشتاتىنىڭ باشلىقى ئىشتات بويىچە جىددىي ھالەتنى يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بەزمىخانىدا تۇيۇقسىز ئوق ئاۋازى چىققان، نەق مەيداندىكى ۋەزىپە ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچى ئوق ئاتقان، قوراللىق كىشى بەزمىخانىغا بېسىپ كىرىپ، كىشىلەر توپىغا ئوق چىقارغان. ئارقىدىن تېخىمۇ كۆپ ساقچى يېتىپ كېلىپ، قوراللىق كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. بۇ، ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ئېغىر قوراللىق ھۇجۇم قىلىش دېلوسى ھېسابلىنىدۇ.

  ئورلاندو ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى قاتىلنىڭ تولۇق تەييارلىق بىلەن پىلانلىغانلىقىنى، ئۇ بىر دانە تاپانچا بىلەن بىر دانە مىلتىق ئالغانلىقىنى، ئۇنىڭدىن باشقا قاتىلدا يەنە باشقا قۇرالنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى. ئورلاندو ساقچى تەرەپ بۇ ۋەقەنىڭ خاراكتېرىنى «دۆلەت ئىچىدىكى تېررورلۇق ۋەقەسى» دەپ بېكىتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ھازىر، ئامېرىكىنىڭ فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى ۋە فىلورىدا ئىشتاتلىق قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى تەكشۈرۈشنى باشلىۋەتتى. ئورلاندو ساقچىلىرى نەق مەيداننى قامال قىلدى، ئورلاندو رايونلۇق دوختۇرخانا ساقچىلار تەرىپىدىن پۇختا مۇھاپىزەت قىلىندى .

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر