باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ۋېنگرىيە پارلامېنتى تېررورلۇق خەتىرى ئەھۋالىنى نېگىزلىك قانۇنغا كىرگۈزمەكچى

2016.06.08 16:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ۋېنگرىيە پارلامېنتى تۈنۈگۈن ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ئىككى پارتىيەنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى تاپشۇرغان «نېگىزلىك قانۇن»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لاھىيەسىنى ماقۇللاپ، تېررورلۇق خەتىرى ئەھۋالىنى «نېگىزلىك قانۇن»غا كىرگۈزدى. تۈزۈتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىنكى «نېگىزلىك قانۇن»غا ئاساسەن، تېررورلۇق ھۇجۇمى خەتىرى ياكى تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا، پارلامېنت ھۆكۈمەتنىڭ تەكلىپى ئاستىدا ئۈچتىن ئىككى قىسىم پارلامېنت ئەزاسىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشسىلا دۆلەتنىڭ تېررورلۇق خەتىرى ھالىتىگە كىرگەنلىكىنى دەرھال جاكارلىسا بولىدۇ. تېررورلۇق خەتىرى ھالىتى مەزگىلىدە، ھۆكۈمەت يۈرگۈزۈلۈۋاتقان بەزى قانۇنلارنى ۋاختىنچە توختاتسا ھەمدە بەزى ئالاھىدە تەدبىرلەرنى چىقارسا بولىدۇ. شۇ كۈنى پارلامېنت يەنە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بىر يۈرۈش تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنىمۇ ماقۇللىدى ھەمدە بۇ ھەقتە ھۆكۈمەتكە باھالاش دوكلاتى تاپشۇردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر