باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ئىراقنىڭ كەربالا شەھىرىدە پارتلاش يۈز بېرىپ، ئۆلۈم-يېتىم بولدى

2016.06.08 16:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  ئىراق ساقچىلىرى تۈنۈگۈن مۇنداق دېدى: ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى شىئە مەزھىپى مۇقەددەس شەھىرى كەربالادا شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ماشىنا بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندىمۇ بەش ئادەم قازا قىلدى، 11 ئادەم يارىلاندى. ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر ساقچىنىڭ ئېيتىشىچە، ھۇجۇم قىلغۇچى كەربالا شەھەر مەركىزىدە ئالدىنئالا بىر ماشىنىغا ئورنىتىپ قويغان پارتلاتقۇچنى پارتلىتىپ، بەش ئادەمنىڭ جېنىغا زامىن بولغان، 11 ئادەمنى يارىلاندۇرغان، يېقىن ئەتراپتىكى ئىمارەتلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان. بۇ ساقچى: ھۇجۇمنى ئىسلام دۆلىتى قوراللىقلىرى سادىر قىلغان بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىدى. كەربالا ئىراقنىڭ پايتەختى باغداتنىڭ جەنۇبىغا 110 كېلومېتىر كېلىدىغان يەرگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ شىئە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ مۇقەددەس جايى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر