- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تۈركىيە زۇڭتۇڭى تېررورلۇق ھۇجۇمىدا يارىلانغانلارنى يوقلىدى
2016.06.08 16:23 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوئان تۈنۈگۈن تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ئىستانبۇلدا شۇ كۈنى يۈز بەرگەن ماشىنا بومبا ھۇجۇمى ۋەقەسىنى كۈچلۈك ئەيىبلەپ: تېررورىزمغا داۋاملىق زەربە بېرىمىز دېدى. ئەردوئان ئىستانبۇلدىكى بىر دوختۇرخانىغا بېرىپ يارىلانغانلارنى يوقلىغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: بۇ تېررورلۇق ھۇجۇمى ئىنسانىيەتكە قارشى ھەرىكەت، بۇنى كەچۈرۈشكە بولمايدۇ، بىز تېررورىزمغا بۇنى يوقاتقانغا قەدەر بوشاشماي زەربە بېرىمىز. ئەردوئان: تېررورلۇق ھەر قانداق ۋاقىت، ھەر قاندا ئورۇندا يۈز بېرىشى مۇمكىن، شۇڭا مۇداپىئەنى كۈچەيتىشىمىز كېرەك. بارلىق مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ تېررورلۇق تەھدىتىنى ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرىمىز دېدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر