باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

شېن لياڭلياڭنىڭ قۇربان بولغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەزىيە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى

2016.06.08 16:23         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شۇ يەر ۋاقتى تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مالىدىكى كۆپ قاتلاملىق ئۇنىۋېرسال مۇقىملىقنى ساقلاش ئالاھىدە ئۆمىكى مالىنىڭ پايتەختى باماكۇدىكى باش ئورگىنىدا قۇربان بولغان جۇڭگولۇق تىنچلىقنى ساقلاش جەڭچىسى شېن لياڭلياڭ ئۈچۈن تەزىيە مۇراسىمى ئۆتكۈزدى. مالىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۆمىكىنىڭ خەلق ئىشلىرى ۋە ھەربىي تەرەپ ئەمەلدارلىرى، مالى ھۆكۈمىتى ۋە قىسىمنىڭ ۋەكىللىرى، جۇڭگونىڭ مالىدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ خىزمەتچىلىرى، جۇڭگو ئارمىيەسى خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ھەمدە جۇڭگونىڭ مالىنىڭ تىنچلىقىنى ساقلاشقا بارغان قىسمى ۋە ئىشتاب ئوفىسسىرلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلاردىن بولۇپ 200 دىن ئارتۇق ئادەم پائالىيەتكە قاتناشتى. مالىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش ئۆمىكىنىڭ قوماندانى روسگاردنېر بىلەن مالى قوراللىق قىسمىنىڭ باش ئىشتاب باشلىقى تورې شېن لياڭلياڭغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى تىنچلىق ئوردىنى، مالىنىڭ ھەربىي شەرەپ مېدالى بەردى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر