باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېڭى قاتناش قانۇنىدا شوپۇر ئاپتوموبىل ئىچىدىن سىرتقا تۈكۈرسە ياكى كېرەكسىز نەرسىلەرنى تاشلىسا، تەخمىنەن 260 يۈەن خەلق پۇلى جەرىمانە قويۇلىدۇ

2016.06.08 16:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئىيۇن بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سەئۇدى ئەرەبىستانىدا يېڭى قاتناش قانۇنى چىقىرىلدى: شوپۇر ئاپتوموبىل ئىچىدىن سىرتقا تۈكۈرسە ياكى كېرەكسىز نەرسىلەرنى تاشلىسا، قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان ھېسابلىنىپ، 150 رىيال (تەخمىنەن 260 يۈەن خەلق پۇلى) جەرىمانە قويۇلىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستانى قاتناش باش ئىدارىسى يېقىندا يېڭى قائىدە-نىزاملارنى ئېلان قىلدى: شوپۇر ئاپتوموبىل ئىچىدىن كوچا، يول ياكى مەھەللە ئىچىدە سىرتقا تۈكۈرسە ياكى كېرەكسىز نەرسىلەرنى تاشلىسا، قاتناش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلغان ھېسابلىنىپ، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 100 رىيال ( بىر رىيال تەخمىنەن 1.75 يۈەن خەلق پۇلى)، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 150 رىيال جەرىمانە قويۇلىدۇ. تۈكۈرۈش ۋە كېرەكسىز نەرسىلەرنى تاشلاش ئەخلاقسىز قىلمىش بولۇپ، ئۇ يەنە كىشىلەرنى كېسەلگە گىرىپتار قىلىدۇ.

  يەمەن ئاخبارات ئاگېنتلىقى يۇقىرىقى خەۋەرنى بەرگەندە، بەزى دۆلەت سەھىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدىكى ئەھۋاللار نەقىل كەلتۈرۈلۈپ، تۈكۈرۈش بىلەن سانائەت ئەخلىتى ۋە يېمەكلىكلەرنى تاشلاشتىن پەيدا بولغان مۇھىت بۇلغىنىشى كەلتۈرۈپ چىقارغان % 70 ۋىرۇسلۇق كېسەللىكلەر، مەسىلەن، كانايچە ياللۇغى، ئۆپكە كېسەللىكى قاتارلىقلار ئاممىۋى سورۇنلاردىكى تۈكۈرۈكتىن پەيدا بولغان ۋىرۇسنىڭ ئادەملەرگە تارقىلىپ پەيدا بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەنلىكى ئېيتىلدى.

  ئۇنىڭدىن باشقا، سەئۇدى ئەرەبىستانى «رىياد گېزىتى»نىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، قاتناش باش ئىدارىسى خەۋەر قىلىپ، ئاممىنىڭ روزا ئېيىنى خۇشال ئۆتكۈزۈپ، كۆپچىلىكنىڭ جىسمانىي بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، جايلاردىكى قاتناش تارماقلىرى ساقچى كۈچى سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىشىنى، بولۇپمۇ شوپۇرلارنىڭ قىزىل چىراغنى بېسىپ ئۆتمەسلىكىنى، ئاپتوموبىلنى قالايمىقان توختاتماسلىقىنى، بەلگىلەنگەن سۈرئەتتىن ئاشۇرۇپ يۈرمەسلىكىنى تەلەپ قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر