باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

ياۋروپادىكى توققۇز دۆلەت شىمالىي دېڭىز ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتمەكچى

2016.06.07 16:58         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  گوللاندىيە، نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە قاتارلىق ياۋروپادىكى توققۇز دۆلەت تۈنۈگۈن ليۇكسېمبۇرگتا سىياسىي بايانات ۋە ھەرىكەت پىلان ھۆججىتى ئىمزالاپ، شىمالىي دېڭىز ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: توققۇز دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى ياۋروپا ئېنېرگىيە ئىتتىپاقى قۇرۇلۇشىدا تاشلانغان مۇھىم بىر قەدەم ھەمدە ئەڭ تۆۋەن تەننەرخ بىلەن شىمالىي دېڭىزدا مول شامال ئېلېكتىرى بايلىقىدىن تولۇق پايدىلانغىلى بولىدۇ.

  ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تەتقىقات سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، ناۋادا ماسلاشتۇرۇش ھەمكارلىقى ئارقىلىق شىمالىي دېڭىز قىرغىقى ئېلېكتىر تورىنى تەرەققىي قىلدۇرغاندا تېجەپ قېلىنىدىغان راسخوتنىڭ يوشۇرۇن كۈچى بەش مىليارد بىر يۈز مىليون ياۋروغا يېتىدىكەن. ئىگىلىنىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئېنېرگىيەدە سىرتقا تايىنىشچانلىقى 53 پىرسەنت بولۇپ، ھەر يىللىق ئېنېرگىيە ئىمپورت سوممىسى 400 مىليارد ياۋروغا يېتىدىكەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر