باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

لاۋروف: رۇسىيە سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىگە ھاۋادىن ياردەم بېرىدۇ

2016.06.07 16:57         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى لاۋروف تۈنۈگۈن: رۇسىيە سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسىگە ئەڭ ئىجابىي بولغان ھاۋادىن ياردەم بېرىدۇ دېدى.

  لاۋروف مۇنداق دېدى: رۇسىيە رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ سۇرىيەدىكى ھەربىي ھەرىكىتىنى ئىلگىرىكىدەكلا ياراشتۇرۇپ، سۇرىيەدىكى تېررورلۇق تەشكىلاتلارغا زەربە بېرىشنى خالايدۇ. ھالبۇكى رۇسىيە ماسلاشتۇرۇشنى تەتقىق قىلىش نامىدا ئۆكتىچى گۇرۇھنىڭ كۈچىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، داۋاملىق ھۇجۇم قىلىش ۋاقتىنى كەينىگە سۆرەشكە يول قويمايدۇ. ئۇ: رۇسىيە ئىلگىرى ئامېرىكىنى سۇرىيەنىڭ ھەلەپتىكى ئۇرۇشىنىڭ ھازىرقىدەك ھالەتنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

  لاۋروف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئامېرىكا ۋەدىسىدە تۇرۇپ، تەدبىر قوللىنىپ قوراللىق ئۇنسۇرلار ۋە قورال-ياراق، ئوق-دورىلارنىڭ تۈركىيە ئارقىلىق سۇرىيەگە ئېقىپ كىرىشىنى توسۇشى ھەمدە سۇرىيەدىكى ئۆكتىچى قوراللىقلار بىلەن تېررورلۇق تەشكىلاتلارنى ئايرىش خىزمىتىنى تاماملىشى كېرەك.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر