باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى زىكا ۋىرۇسى سەۋەبلىك رېئودى ژانېيرو ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ كېچىكتۈرۈلمەيدىغانلىقى ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2016.05.30 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 30-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 20 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 150 دوختۇر، ئالىم ۋە تەتقىقاتچى بىرلىشىپ، 27-ماي دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىغا «ئاممىۋى سالامەتلىك نامىدا» دەپ ئوچۇق خەت يېزىپ، رېئودى ژانېيرو ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى كېچىكتۈرۈش، ئەمەلدىن قالدۇرۇش ياكى باشقا جايدا ئۆتكۈزۈشكە دەۋەت قىلدى. بىراق دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى بىر كۈندىن كېيىن بايانات ئېلان قىلىپ، نۆۋەتتە، بىرازىلىيەنىڭ زىكا يۇقۇمى ئەھۋالىغا قارىتا ئېلىپ بارغان باھالىشىغا ئاساسلانغاندا، ئاممىنىڭ سالامەتلىكى نۇقتىسىدىن چىققاندا، ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنى كېچىكتۈرۈش ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا سەۋەب يوق، دېدى.

  ھازىر رېئودى ژانېيرو ئولېمپىك تەنھەرىكەت يىغىنىنىڭ ئېچىلىشىغا يەنە ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت بار، بىراق زىكا يۇقۇمى يەنىلا بىرازىلىيەدە يامرىماقتا. گەرچە بۇ ۋىرۇس ئاساسلىقى پاشا ئارقىلىق تارقالسىمۇ، بىراق يۇقۇملانغۇچىلار بىخەتەر بولمىغان جىنسىي مۇناسىۋەت ئارقىلىق ۋىرۇس يۇقۇمىنى باشقىلارغا تارقىتالايدۇ. ئادەتتىكى كىشىلەر بۇ ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغاندا، كۆپىنچە يېنىك بولغان قىزىش، ئەسۋە چىقىش ۋە بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى قاتارلىق يېنىك كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ، بۇ خىل ئالامەتلەر ئادەتتە ئىككى كۈندىن يەتتە كۈنگىچە داۋاملىشىدىغان بولۇپ، ئالاھىدە بىر تەرەپ قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. بىراق بۇ ۋىرۇسنىڭ ھامىلىدار ئاياللارغا بولغان تەھتىدى ئىنتايىن زور بولۇپ، ئەگەر ھامىلىدار ئاياللار يۇقۇملانسا، يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ بېشى كىچىك بولۇپ قېلىشىنى، ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر