باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى ھەرىكىتى يېڭى باسقۇچقا كىردى (1)

2016.05.27 11:01         مەنبە: شىنجاڭ گېزىتى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تېررورلۇق ھەرىكىتىدە يېڭى ئالاھىدىلىك كۆرۈلدى

  پارىژدىن بىريۇسسېلغىچە، ئىستانبۇلدىن لاھورغىچە... بىر مەزگىلدىن بۇيان كەينى - كەينىدىن يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمى دۇنيانى زىلزىلىگە سالدى. تېررورلۇق ھازىرقى دۇنيا دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر ۋە ئەڭ جىددىي خەۋپسىزلىك خىرىسىغا ئايلاندى. كەلگۈسى بىر مەزگىلدە، دۇنيانىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ۋەزىيىتىدە تۆۋەندىكىدەك ئالاھىدىلىك كۆرۈلۈشى مۇمكىن:

  «شام ئىسلام دۆلىتى» ئىراق ۋە سۇرىيەدە تەدرىجىي چېكىنىپ، سىرتقا سىڭىشىشنى كۈچەيتتى. بۇلتۇرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن بۇيان خەلقئارا جەمئىيەت «شام ئىسلام دۆلىتى»گە زەربە بېرىش سالمىقىنى ئاشۇردى. «شام ئىسلام دۆلىتى» كەينى - كەينىدىن زەربىگە ئۇچرىغاندىن كېيىن، ھۇجۇم قىلىشتىن مۇداپىئەگە ئۆتكەچكە، ئۇلارنىڭ كونتروللۇقىدىكى زېمىن ئۈزلۈكسىز كىچىكلىدى. 2014 - يىلى «شام ئىسلام دۆلىتى» ئىراق ۋە سۇرىيەنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىم زېمىنىنى كونترول قىلغانىدى. بىراق بۇ يىل 4 - ئايدا ئۇلار %40 زېمىنىدىن ئايرىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئىراقنىڭ مۇھىم شەھىرى رامادى ۋە سۇرىيەنىڭ قەدىمىي شەھىرى بالمىرا قاتارلىقلار بار. يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان تېررورچىلارنىڭ 20دىن ئارتۇق كاتتىبېشى ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى. بىراق «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ ئەمەلىي كۈچىگە يەنىلا سەل قارىغىلى بولمايدۇ. ئۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ھەل قىلغۇچ جەڭ بارغانسېرى يېقىنلاشماقتا، «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ ئاتالمىش «پايتەختى» راققا ۋە ئىراقنىڭ چوڭ شەھىرى موسۇل تالىشىش مۇھىم نۇقتىسىغا ئايلىنىدۇ. «شام ئىسلام دۆلىتى» بىر تەرەپتىن، ئىراق ۋە سۇرىيەدە جاھىللىق بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ، بىر تەرەپتىن، باشقا ئۇرۇش قالايمىقانچىلىقى يۈز بەرگەن رايونلارغا سىڭىپ، لىۋىيە دېڭىز بويىدىكى بىر چىۋىقسىمان رايوننى ئىگىلەپ، ئافغانىستاننىڭ شەرقىدە ئەسكەر توپلىدى ھەم يەمەننىڭ قالايمىقانچىلىق ۋەزىيىتىگە ئارىلاشتى. بۇ رايونلار يېڭى تېررورلۇقنىڭ مەنبەسى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن.

  خەلقئارادا تېررورلۇق ھۇجۇمى يامرىدى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، ئالدىنقى ئۈچ ئايدا دۇنيا بويىچە 2200دىن ئارتۇق كىشى تېررورلۇق ھەرىكىتىدە قازا قىلغان. %20 تېررورلۇق ھۇجۇمى «شام ئىسلام دۆلىتى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك. فىرانسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى لۇد لېئون مۇنداق دېدى: بۇ تەشكىلات ئۆلۈم گىردابىغا قىستالغاچقا، بۇرۇنقىدىن تېخىمۇ خەتەرلىك بولۇپ كەتتى. ئوتتۇرا شەرق ۋە ئافرىقا ئۇلار ھۇجۇم قىلىدىغان نۇقتىلىق رايون، ئامېرىكا، ياۋروپامۇ ئۇلارنىڭ مۇھىم نىشانى. پارىژ تېررورلۇق ھۇجۇمى دېلوسى، بىريۇسسېل زەنجىرسىمان پارتلاش دېلوسى «شام ئىسلام دۆلىتى» بىلەن مۇناسىۋەتلىك. «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ زوراۋانلىق، تېررورلۇق ئەندىزىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىشى بىلەن، باشقا تېررورلۇق تەشكىلاتلىرىمۇ بەس - بەستە تەقلىد قىلدى. ھازىر دۇنيادىكى 30 نەچچە تېررورلۇق تەشكىلاتى «شام ئىسلام دۆلىتى»گە سادىق ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. مەسىلەن، «مۇقەددەس جاي بوكو» غەربىي ئافرىقىدا زورلۇق - زومبۇلۇق قىلىپ، ئۇدا دېلو سادىر قىلدى؛ فىلىپپىندىكى تۆت رادىكال تەشكىلات بۇ يىلنىڭ بېشىدا «شام ئىسلام دۆلىتى»گە تەۋە ئۆلكە قۇرىدىغانلىقى ھەم فىلىپپىن ئارمىيەسىگە ھۇجۇم قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى؛ بۇنىڭدىن باشقا، «بازا» تەشكىلاتىمۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ چاتاق تېرىدى. بىن لادېن ئۆلگەندىن كېيىن، «بازا» تەشكىلاتىنىڭ تەسىر كۈچى سەل ئاجىزلاشتى، بىراق يەنىلا يوشۇرۇن ئەمەلىي كۈچ توپلىدى ھەم «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ قاتتىق زەربىگە ئۇچراش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، چوڭ دېلو سادىر قىلىپ، ئۈستۈنلۈك تالاشتى. فىرانسىيە «چارلى ھەپتىلىك ژۇرنىلى» تېررورلۇق ھۇجۇمى دېلوسى، مالى مېھمانسارىيىغا ھۇجۇم قىلىش دېلوسى، بۇركىنافاسو مېھمانسارىيىغا ھۇجۇم قىلىش دېلوسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە ئۇلارنىڭ تارماقلىرى قاتناشقان.

  دەرىجىدىن تاشقىرى تېررورلۇق خەۋپى ئاشتى. يادرو بىيو خىمىيەلىك قوراللار بىلەن تېررورلۇق ھۇجۇمىنىڭ بىرىكىشىنى ئىنسانلار ئىزچىل قاباھەتلىك چۈش، دەپ قاراپ كەلگەنىدى، بۇ چۈش ئوتتۇرا شەرق رايونلىرىدا قىسمەن رېئاللىققا ئايلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «شام ئىسلام دۆلىتى» قوراللىقلىرى كەينى - كەينىدىن خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمى قوزغىدى. ئەڭ يېڭى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، بۇ يىل 3 - ئايدا ئۇلارنىڭ ئىراقتىكى خىمىيەلىك قورال ھۇجۇمىدا 600دىن ئارتۇق كىشى قازا قىلغان ۋە يارىلانغان. ئامېرىكا ئاخبارات ئورگىنى مۇنداق قارىدى: «شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ خىمىيەلىك قورال تەتقىق قىلىش - ئېچىش مەركىزى بار، ئۇلار سۇرىيە، ئىراق، چېچىنىيە، ھەتتا پۈتۈن دۇنيادىن خىمىيەلىك قورال مۇتەخەسسىسلىرىنى يىغقان. بىريۇسسېل تېررورلۇق ھۇجۇمى جىنايەت گۇماندارى ئىلگىرى يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ مەسئۇلىنى تۇتقۇن قىلىپ، يادرو ماتېرىيالىغا ئېرىشمەكچى بولغان. سۇرىيە ئۆكتىچىلىرى «شام ئىسلام دۆلىتى»دىن بىر كومپيۇتېرغا ئېرىشكەن بولۇپ، ئۇنىڭغا چۇما كېسەللىك باكتېرىيەسىنى قوراللاشتۇرۇش پىلانى قاچىلانغان. «شام ئىسلام دۆلىتى» تەسىر كۈچىنىڭ سىرتقا يامرىشىغا ئەگىشىپ، ئۇلارنىڭ رايون سىرتىدا يادرو بىيوخىمىيەلىك ھۇجۇم قىلىش خەۋپى ئاشتى. 2016 - يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنى تالىشىش پۇتبول مۇسابىقىسى باشلىنىش ئالدىدا، كۆپ دۆلەتتىكى سىياسىي ئەربابلار مېترو ياكى تەنتەربىيە مۇسابىقە مەيدانلىرىنىڭ تېررورچىلارنىڭ خىمىيە قوراللىرى ھۇجۇمىغا ئۇچرىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتتى.

  «خەلق گېزىتى»دىن ئېلىندى

  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر