- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
تۈركىيە زۇڭتۇڭى يېڭى كابىنېت ئىسىملىكىنى تەستىقلىدى
2016.05.25 16:54 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
تۈركىيە زۇڭتۇڭى ئەردوغان 24-ماي يېڭى بىر نۆۋەتلىك كابىنېت ئىسىملىكىنى تەستىقلىدى، ھىمشىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۆت مۇئاۋىن زۇڭلى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى چاۋۇس ئوغلى ۋە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ئارا قاتارلىق ئالدىنقى نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ كۆپلىگەن ئەزالىرى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى.
كابىنېت ئىسىملىكىنى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان ھەققانىيەت پارتىيەسىنىڭ يېڭى رەئىسى، يېقىندا ھۆكۈمەتنىڭ زۇڭلىسى بولغان ئىلدىرىم 22-ماي ھەققانىيەت پارتىيەسىنىڭ 2- قېتىملىق ئالاھىدە قۇرۇلتىيىدا پارتىيەنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان، شۇ كۈنى ئۇ زۇڭتۇڭ ئەردوغاننىڭ ھوقۇق بېرىشى بىلەن، يېڭى ھۆكۈمەت تەشكىللەشكە باشلىغان.
تۈركىيە بۈيۈك پارلامېنتى 29-ماي يېڭى بىر نۆۋەتلىك ھۆكۈمەتكە ئىشىنىش ئاۋازى بېرىدۇ، ئەگەر ئاۋاز بېرىشتە ماقۇللانسا، يېڭى ھۆكۈمەت رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلايدۇ.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر