باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

بان كېمون سۇرىيەنىڭ دېڭىز ياقىسىدىكى رايوننىڭ تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئەيىبلىدى

2016.05.24 17:04         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كېمون 23-ماي باياناتچىسى ئارقىلىق بايانات ئېلان قىلىپ، سۇرىيەنىڭ غەربىي شىمالىي دېڭىز ياقىسىدىكى رايوننىڭ شۇ كۈنى كۆپ قېتىم تېررورلۇق ھۇجۇمىغا ئۇچرىغانلىقىنى ئەيىبلەپ، سۇرىيەدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنى ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىپ، پۇقرالارغا ھۇجۇم قىلماسلىققا دەۋەت قىلدى.

  بان كېمون سۇرىيەدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2268- نومۇرلىق قارارىدىكى بەلگىلىمىلەر بويىچە دۈشمەنلىشىش ھەرىكىتى توختىتىش مەجبۇرىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ دەرھال كەسكىن ھەرىكەت قوللىنىپ، سۇرىيەنىڭ نۆۋەتتىكى كىرىزىسىگە خاتىمە بېرىشىنى مۇراجىئەت قىلدى.

  سۇرىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 23-ماي خەۋەر قىلىشىچە: سۇرىيەنىڭ غەربىي شىمالىدىكى دېڭىز ياقىسىدىكى رايون شۇ كۈنى كۆپ قېتىم تېررورلۇق ھۇجۇمغا ئۇچراپ، ئاز دېگەندە 65 كىشى قازا قىلغان.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر