باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

كورىيە: چاۋشيەننىڭ سۆزلىشىش ئالدىنقى شەرتى يادروسىزلاشتۇرۇش تەدبىرى قوللىنىش

2016.05.23 16:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  كورىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تۈنۈگۈن كەچتە چاۋشيەن دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتى خەلق قوراللىق قىسمى كورىيەگە سۇنغان خىزمەت خاراكتىرلىك ئۇچرىشىش ئىشىغا ئىنكاس قايتۇرۇپ: چاۋشيەن ئالدى بىلەن يادروسىزلاشتۇرۇش تەدبىرىنى قوللىنىشى كېرەك دېدى.

  كورىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان باياناتتا مۇنداق دېيىلدى: كورىيە ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىدا ئۆزگىرىش بولمىدى، چاۋشيەن بىلەن سۆزلىشىشتە چاۋشيەن يادروسىزلاشتۇرۇش تەدبىرىنى ئالدىنقى شەرت قىلىشى كېرەك.

  كورىيە ئاگېنتلىقىنىڭ تۈنۈگۈنكى خەۋېرىگە قارىغاندا، چاۋشيەن دۆلەت مۇداپىئە كومىتېتى خەلق قوراللىق قىسمى شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى دائىرىلىرىغا مۇنۇلارنى ئوتتۇرغا قويغان: ھەربي جىددىي ۋەزىيەتنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ئىككى تەرەپ ھەربىي ئىشلار جەھەتتە ئۆزئارا ئىشەنچ ئورنىتىشى كېرەك، شۇڭا ماينىڭ ئاخىرى ياكى ئىيۇننىڭ باشلىرى ئىككى تەرەپنىڭ قولايلىق ۋاقىت ۋە ئورۇندا خىزمەت خاراكتىرلىك ئۇچرىشىپ، ئىككى تەرەپ ئارمىيە دائىرىلىرىنىڭ سۆھبەتلىشىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىش تەكلىپىنى بەرگەن.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر