باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

14-نۆۋەتلىك قازاقىستان-جۇڭگو تاۋارلىرى كۆرگەزمىسى ئالمۇتادا باشلاندى

2016.05.23 16:39         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  «يېپەك يولى ئىقتىساد بەلۋىغىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش» باش تېمىسىدىكى 14-نۆۋەتلىك قازاقىستان-جۇڭگو تاۋارلىرى كۆرگەزمىسى تۈنۈگۈن قازاقىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ئالمۇتا شەھىرىدە باشلاندى.

  بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىسىدە ئاساسلىقى ماشىناسازلىق ۋە ئابتوموبىللار، قۇرۇلۇش ماتىرياللىرى، خىمىيە سانائىتى ۋە ئۆي بېزەش مەھسۇلاتلىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ھەمدە ئىستىمال تاۋارلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تۈردە جۇڭگودىن كەلتۈرۈلگەن ئەلا مەھسۇلاتلار كۆرگەزمە قىلىندى. بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىگە جۇڭگونىڭ ئون نەچچە ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەردىكى 270دىن ئارتۇق كارخانا قاتناشتى. كۆرگەزمىدە ئوتتۇرا ئاسىيا بارىزىغا ئېھتىياجلىق داڭلىق ماركىلىق مەھسۇلاتلار مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىندى، ئېچىلىش مۇراسىمى كۈنىلا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەر ۋە رۇسىيەدىن كەلگەن نۇرغۇن ئېكىسكۇرسىيەچىلەرنى جەلپ قىلدى.

  تاۋار كۆرگەزمىسىدىن باشقا كۆرگەزمە مەزگىلىدە يەنە تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو-قازاقىستان ئىقتىساد سودا ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلىدۇ. مۇنبەر ئاساسلىقى قازاقىستاننىڭ مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى تونۇشتۇرۇش، خەلق پۇلىنى خەلقئارالاشتۇرۇش ۋە جۇڭگو- قازاقىستان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ھەمكارلىقى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇنبەر مەزگىلىدە، ئىككى دۆلەتنىڭ كارخانىچىلىرى بىرمۇ بىر كەسپىي يەرمەنكە ۋە ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر