باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

شې مىڭدې: ئالاقىدار دۆلەتلەر جەنۇبىي دېڭىز ماجراسىنى سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشى كېرەك

2016.05.23 16:38         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ گېرمانىيەدىكى باش ئەلچىسى شې مىڭدې تۈنۈگۈن نەشىردىن چىققان «ڧرانكىڧود گېزىتى»دە ماقالە ئېلان قىلىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىدىكى پىرىنسىپال مەيدانىنى شەرھلەپ، ئالاقىدار دۆلەتلەر زېمىن ۋە دېڭىز ئوكيان ھوقۇق مەنپەئەتى ماجراسىنى بىۋاستە سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشى كېرەك دەپ تەكىتلىدى.

  شې مىڭدې ماقالىسىدا مۇنداق دېدى: يېقىنقى بىر قانچە يىلدىن بۇيان، جەنۇبىي دېڭىز خەلقئارا جامائەتچىلىكنىڭ مۇنازىرىسىگە پېتىپ قالدى. ئامېرىكىنىڭ ئسىتىراتىگىيىسىنى يۆتكىشى، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ مەنپەئەت تۈرتكىسى، قاتمۇ قات ئامىللارنىڭ يىغىلىشى، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە خالىغانچە ئارىلىشىشى مەسىلىنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتتى.

  شې مىڭدې ئالاھىدە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكىنىڭ كۆپ قېتىم ھەربىي پاراخوت ۋە ئايروپىلان ئەۋەتىپ جۇڭگونىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا دەخلە يەتكۈزۈشى رايون ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلەشتۈرۈش ۋە ھەربىيلاشتۇرۇشكە تۈرتكە بولۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى.

  ئۇ ئاخىردا مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: «جەنۇبىي دېڭىزدىكى ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ھەرىكەت خىتاپنامىسى»غا ئاساسەن، ئالاقىدار دۆلەتلەر زېمىن ۋە دېڭىز ئوكيان ھوقۇق مەنپەئەتى ماجراسىنى سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق كېڭەشكەندىلا، ئاندىن جەنۇبىي دېڭىزدىكى ئالاقىدار ماجرالارنى بىر تەرەپ قىلغىلى بولىدۇ، بۇ رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشنىڭ بىردىن بىر توغرا، ھەقىقىي يولغا قويۇشقا بولىدىغان يولى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر