باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

روسىيەنىڭ كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىملىرى لېشى تورى ئارقىلىق جۇڭگو بازىرىغا كىرىدۇ

2016.05.18 13:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 18-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: لېشى ئىكولوگىيەسى بىلەن روسىيەدىكى مۇناسىۋەتلىك تەرەپ 16-ماي موسكۋادا بىر تۈرلۈك كېلىشىم ئىمزالىدى، روسىيەنىڭ كىنو-تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرى لېشى تورى ئارقىلىق جۇڭگو بازىرىغا كىرىدۇ.

  لېشى ئىكولوگىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باش لېدىرى، قوشۇمچە لېشى كىنوچىلىقىنىڭ باش لېدىرى جاڭ جاۋ، روسىيە زوڭتوڭىنىڭ ئېنتىرنېت تورى كەسپى بويىچە ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى، قوشۇمچە روسىيە ئېنتېرنېت تورى تەرەققىيات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى كىلىمىنكو، روسىيە ئېكسپورت مەركىزىنىڭ باش لېدىرى ۋېلادىكوف ۋە روسىيە رەقەملىك تېلېۋىزىيە تورىنىڭ باش مۇدىرى مېدىنىكوف كېلىشىمنامىگە ئىمزا قويدى.

  جاڭ جاۋ، بۇ كېلىشىمگە ئىمزا قويۇلۇش بىلەن، جۇڭگودىكى مىليونلىغان ئابونتلار روسىيە كىنولىرى، تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرى، كارتون ۋە باشقا سىن مەھسۇلاتلىرىدىن ھوزۇرلىنالايدۇ، دېدى.

  لېشى ئېكولوگىيەسىنىڭ روسىيە ۋە شەرقىي ياۋروپا رايونىدىكى باش لېدىرى شۈ شىنچۈەن تونۇشتۇرۇپ، لېشى ئېكولوگىيەسىنىڭ 2016-يىلى 9-ئايدا روسىيەدە ئىش بېجىرىش ئورنى قۇرۇدىغانلىقىنى، شىركەتنىڭ روسىيە تەرەپكە سالىدىغان مەبلىغىنىڭ 100 مىليون دوللاردىن ئاشىدىغانلىقىنى ئېيتتى. روسىيە بۇنىڭ بىلەن لېشى ئېكولوگىيەسىنىڭ ئامېرىكا ۋە ھىندىستاندىن كېيىن كىرگەن ئۈچىنچى چەت ئەل بازىرى بولۇپ قالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر