باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

رۇسىيە 20 دۆلەت گۇرۇھ قېلىپى ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە دەپ قارىدى

2016.05.17 16:30         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  رۇسىيە زۇڭتۇڭىنىڭ ئاخبارات كاتىپى پىسكوف 16-ماي مۇنداق دېدى: رۇسىيەنىڭ نۆۋەتتە 8 دۆلەت گۇرۇھىغا قىزىقىشى ئاجىزلىدى، بىراق 20 دۆلەت گۇرۇھى قېلىپىدا ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە.

  پىسكوف شۇ كۈنى غەرب ئەللىرى ئوتتۇرىغا قويغان رۇسىيەنىڭ سەككىز دۆلەت گۇرۇھىغا قايتىپ كېلىشىگە باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: رۇسىيە مەلۇم قېلىپتىكى يىغىنغا قاتنىشىشتا رۇسىيەنىڭ ئۇنىڭغا قاتنىشىشنى خالايدىغانلىقى ياكى خالىمايدىغانلىقىغا قارايدۇ، رۇسىيەنىڭ ھازىر سەككىز دۆلەت گۇرۇھىغا بولغان ئېھتىياجى ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدۇ.

  گېرمانىيەنىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى سىتەيىنمىل يېقىندا، رۇسىيەنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسى توغرىسىدىكى يېڭى مىنىسكى كېلىشىمىنى ئىجرا قىلىش ئەھۋالىغا قارتا، رۇسىيەنىڭ سەككىز دۆلەت گۇرۇھى قاتارىغا قايتىپ كېلىشىنى قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 11- قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى بۇ يىل 9-ئاينىڭ 4-، 5- كۈنلىرى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ خاڭجۇ شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر