- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
لىۋىيە مەسىلىسى بويىچە خەلقئارا يىغىندا لىۋىيە مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتىنى قوللاش توغرىسىدا ۋەدە بېرىلدى
2016.05.17 16:30 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
لىۋىيە مەسىلىسى بويىچە دىپلوماتىيە مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى 16-ماي ئاۋسترىيەنىڭ ۋيېنادا ئۆتكۈزۈلدى، يىغىندا بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلىنىپ لىۋىيە مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتىنى قوللاش توغرىسىدا ۋەدە بېرىلدى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بەش دائىمىي ئەزا دۆلىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 20 دىن كۆپرەك دۆلەت ۋە خەلقئارا تەشكىلاتنىڭ ۋەكىلى بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىندىن كىيىن ئېلان قىلىنغان بىرلەشمە ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى: لىۋىيە مىللىي ئىتتىپاقلىق ھۆكۈمىتى، ئىسلام دۆلىتى ۋە باشقا تېررورچى تەشكىلاتلارغا زەربە بېرىش ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ لىۋىيەگە قارىتىلغان قۇرال ئېمبارگوسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاخباراتتا، بۇ تىرىشچانلىقلارنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر