باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تۈركىيەنىڭ ئاخبارات تارماقلىرى تېررورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش چىقاردى

2016.05.17 16:29         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  تۈركىيەدە چىقىدىغان تۈركىيە خەۋەرلىرى تور بېكىتىنىڭ 16-ماي خەۋەر قىلىشىچە: تۈركىيە ئاخبارات تارماقلىرى ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ، بىر قىسىم ئەسەبىي ئۇنسۇرلارنىڭ يېقىندا تۈركىيەنىڭ ئاساسلىق شەھىرىدە تېررورلۇق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى پەيدا قىلىش نىيىتىدە بولۇۋاتقانلىقىنى، مۇھىم نۇقتىسى پايتەخت ئەنقەرەدىكى دۆلەت ئاتىسى قەبرىسى مۇزېيخانىسى بىلەن ئامېرىكىنىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى قاتارلىق جايلار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

  خەۋەردە مۇنداق دېيىلدى: تۈركىيە ساقچى تەرەپ شەرقىي جەنۇبىي قىسىمدىكى شىرت ئۆلكىسىدە 722 كىلوگىرام پارتلىتىش بۇيۇمىنى قولغا چۈشۈرگەن، ساقچى تەرەپ مۇنداق دەپ ھېسابلىغان، قوراللىق ئۇنسۇرلار بۇ پارتلىتىش بۇيۇمى ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىنى پەيدا قىلىشنى پىلانلىغان.

  جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى بىلەن جۇڭگونىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسىنى ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو پۇقرالىرى يېقىندا تۈركىيەگە بارغاندا ئېھتىياتچان بولۇشى، تۈركىيەدىكى جۇڭگو پۇقرالىرى ۋە ئورگانلىرىنىڭ يۈكسەك ھوشيارلىقنى ساقلاپ، بىخەتەرلىكتىن مۇداپىئەلىنىپ ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش تەييارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئادەم كۆپ سورۇنلارغا بېرىشتىن ساقلىنىشنى، جىددىي ئەھۋالغا يولۇققاندا، ساقچىغا دەل ۋاقتىدا مەلۇم قىلىش ۋە جۇڭگونىڭ تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىشنى سەمىگە سالدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر