باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

جۇڭگونىڭ فىلىپپىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى فىلىپپىننىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلغان دۇتىرىت بىلەن كۆرۈشتى

2016.05.17 16:27         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  جۇڭگونىڭ فىلىپپىندا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جۇ جەنخۇا 16-ماي چۈشتىن كىيىن فىلىپپىننىڭ جەنۇبىدىكى داۋائو شەھىرىدە فىلىپپىننىڭ زۇڭتۇڭ سايلىمىدا غەلىبە قىلغان رودىرگى دۇتىرىت بىلەن كۆرۈشتى، ئىككى تەرەپ جۇڭگو فىلىپپىن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات توغرىسىدا سەمىمىي دوستانە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.

  دۇتىرىت مۇنداق دېدى: باش ئەلچى ئەپەندىنىڭ مېنى تەبرىكلەش ئۈچۈن مەخسۇس كەلگەنلىكىڭىزگە مىننەتدارمەن، ھەمدە جۇڭگو فىلىپپىن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى خالايمەن.

  بۇ يىل 71 ياشقا كىرگەن، ئادۋوكاتلىقتىن كېلىپ چىققان دۇتىرىت 25 يىل داۋائو شەھىرىنىڭ باشلىقى بولغان. ئۇ 9-ماي ئۆتكۈزۈلگەن فىلىپپىن زۇڭتۇڭ سايلىمىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇپ، غەلىبە قىلىشى بېكىتىلگەن، بىراق پارلامېنت ئېتىراپ قىلغاندىن كىيىن رەسمىي جاكارلىنىدۇ.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر