- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
يەمەننىڭ جەنۇبىدا ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى
2016.05.16 13:48 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
يەمەن بىخەتەرلىك تارمىقىنىڭ ئاشكارىلىشىچە: يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى ھەدىرەمەۋت ئۆلكىسىدىكى بىر ساقچى ئىدارىسىغا يېقىن جايدا 15-ماي ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 30 كىشى قازا قىلدى،70 كىشى يارىلاندى.
تونۇشتۇرۇشلارغا قارىغاندا، ئۇچىسىغا پارتلاتقۇچ كۆينەك كىيىۋالغان ھۇجۇم قىلغۇچى ھەدىرەمەۋت ئۆلكىسىنىڭ مەركىزى مۇكاردىكى بىر ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئادەم قوبۇل قىلىش ئورنىغا بۆسۈپ كىرگەن، بۇ ۋاقىتتا كۆپلىگەن كىشىلەر تىزىملىتىشنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ئىكەن.
بۇ ۋەقەنى كۆرگۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە: شۇ كۈنى يەنە ھەدىرەمەۋت ئۆلكىسىدىكى ساقچى قىسىملىرىنىڭ قوماندانى يول بويىدا بومبىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان، ۋەقە بۇ قومانداننىڭ ئىشخانىسىغا يىراق بولمىغان جايدا يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ قوماندان بەختكە يارىشا ئامان قالغان، كۆپلىگەن مۇھاپىزەتچىلەر قازا قىلغان.
يەمەن ھۆكۈمىتى 4-ئايدا جەنۇبىي قىسىم رايونىدىكى بازا تەشكىلاتىغا تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەت قوزغاپ، مۇكارا قاتارلىق جايلارنى قايتۇرىۋالغان، ئارقىدىن، بازا تەشكىلاتى يەمەن ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمەلدارلىرى ۋە ھەربىي ساقچىلىرىغا كۆپ قېتىم ھۇجۇم قوزغىغان.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر